سىنتېتىك تالالار
خىمىيە بىلىملىرى
بۇنىڭدىن100 نەچچە يىل ئىلگىرى توقۇمىچىلىقتا پۈتۈنلەي تەبىئىي ماتېرىياللار ئىشلىتىلەتتى. پاختا، كەندىر تېرىش، پىلە بېقىش، قوي بېقىش ئۈچۈن نۇرغۇن يەرلەر، نۇرغۇن ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ بولاتتى. خىمىيىۋى تالالار بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، توقۇمىچىلىق سانائىتىدە پۈتۈنلەي يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىققا تايىنىپ خام ئەشيا ھەل قىلىنىدىغان ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى.
ئەڭ دەسلەپكى خىمىيىۋى تالا خام ئەشيالىرى رەخت توقۇشقا بولمايدىغان تەبىئىي تالالار بولۇپ، ئۇلار خىمىيىۋى ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنىپ، پىششىقلاپ ئىشلىنىپ رەخت توقۇشقا بولىدىغان سۈنئىي تالاغا ئايلاندۇرۇلاتتى، مانا بۇلار سۈنئىي تالا دەپ ئاتىلىدۇ. سۈنئىي پاختا، سۈنئىي يىپەكلەر سۈنئىي تالالاردىن ئىبارەت. خىمىيىۋى تالالارنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك خام ئەشياسى كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە رۇدىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنى بىر قاتار خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەردىن ئۆتكۈزۈپ بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان يۇقىرى مولېكۇلىلىق پولىمېرلار سىنتېتىك تالا دەپ ئاتىلىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سىنتېتىك تالالار نىلون، دىلون، نىترىلون، پولى پروپىلېن تالاسى، پولىۋىنىل خلورىد تالاسى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
نىلون پولى ئاتسىلئامىن تۈرىدىكى يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمە بولۇپ، نىلون —66 بولسا ئادىپىك كىسلاتا بىلەن ھېكسادىئامىننىڭ پولىمېرلىنىشىدىن، نىلون —6 كاپرولاكتامنىڭ پولىمېرلىنىشىدىن ھاسىل بولغان مەھسۇلات. نىلون مولېكۇلىسىنىڭ تۈزۈلۈشى يىپەك، قوي يۇڭى قاتارلىق ئاقسىل تالالىرىنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشىگە ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئىنچىكە يىپلارنى ئىشلەشكە بولىدۇ. نىلون سوزۇشقا، سۈركىلىشكە چىداملىق، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتىمۇ تۇراقلىق، ئۇنىڭدىن بېلىق تۇتىدىغان تورلار ياسىلىدۇ، بۇنداق تورلار چىرىتىشكە چىداملىق بولۇپ، ئاسانلىقچە كۆكىرىپ قالمايدۇ. ئۇنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق. نىلون پايپاقلار پاختا پايپاقلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى، ئۇ بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، ئاياللار پايپاق ياماش ئەمگەكلىرىدىن ئازاد بولدى.
نىلون سالاھىيىتى ئەڭ چوڭ سىنتېتىك تالا بولۇپ، دىلون ئۇنىڭدىن كېيىنرەك مەيدانغا كەلگەن. دىلون دىچۆلياڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ پولى ئېستېر تۈرىدىكى يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمە بولۇپ، كىشىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سىنتېتىك تالا ھېسابلىنىدۇ. دىلونغا پاختا، يۇڭلار قوشۇلسا بىر - بىرىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلايدۇ. نىترىلون پولىئاكرىلونىترىل تالاسى بولۇپ، ئۇ سۈنئىي يۇڭ دەپ ئاتىلىدۇ. نىترىلوندىن ئىشلەنگەن يىپلار يەڭگىل، پىششىق بولىدۇ. پولى پروپىلېن تالاسىنىڭ ئىسسىقلىقنى ساقلاش ئىقتىدارى يىپەك، يۇڭلارنىڭكىدىنمۇ ياخشى. پولىۋىنىل خلورىد تالاسىدىن ئىشلەنگەن ئىچ كىيىملەر زەرەتلىك بولۇپ، رېماتىزمنى داۋالىيالايدۇ.
پىششىق، چىداملىق، يۇيۇش، قۇرۇتۇش ئاسان بولغان سىنتېتىك تالالارنىڭ ئەڭ زور يېتەرسىزلىكى سۇ سۈمۈرۈشچانلىقى ناچار. بىر قىسىم سىنتېتىك تالالار ئىسسىققا چىدامسىز، بەزىلىرىنى بوياش تەس، بەزىلىرى ئاسانلا زەرەتلىنىپ قالىدۇ. بۇ خىل يېتەرسىزلىكلەر ھازىر ئۈزلۈكسىز تۈگىتىلىپ، نۆۋەتتە سۇ سۈمۈرىدىغان، ئىسسىققا چىداملىق تالالار ۋە رەڭلىك تالالار مەيدانغا كەلمەكتە. ئۇلار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى رەڭدارلاشتۇرۇپلا قالماي، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن تەتقىقاتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىشلىتىلمەكتە.