سۇلياۋ دۇنياسى
خىمىيە بىلىملىرى
ئەڭ بۇرۇنقى سۇلياۋلار سېللۇلوئىد دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ100 نەچچە يىل بۇرۇن مەيدانغا كەلگەن. سېللۇلوئىد نىترو سېللۇلوزا، ئىسپىرت، كامفۇرا قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ ياسىلىدۇ، كىنوچىلىق سېللۇلوئىد لېنتىسى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن تەرەققىي قىلغان. لېكىن، بۇ لېنتىلار ئاسان ئوت ئالىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ۋاقىتلاردا كىنو قويغاندا ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى كىنو قويۇش ئۆيىدە دىجورنىلىقتا تۇرۇشقا توغرا كەلگەن. كېيىن، سىركە كىسلاتا سېللۇلوزىسىدىن ئىشلەنگەن لېنتا نىترو سېللۇلوزىدىن ئىشلەنگەن لېنتىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلگەنلىكتىن، كىنو قويغاندا لېنتا «كۆيۈپ» كېتىشتىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى قالمىغان.20
- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فېنول ئالدېھىد سمولىسى دۇنياغا كەلدى. فېنول تۈرىدىكى ماددىلار بىلەن ئالدېھىد تۈرىدىكى ماددىلارنىڭ بىرلىكتە پولىمېرلىنىشىدىن ھاسىل بولغان بۇنداق سۇلياۋ باكلىت دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىسسىققا چىداملىقلىقى، ئىزولياتورلۇق خۇسۇسىيىتى ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن، تېزلا ئېلېكتر سانائىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.
كېيىنكى نەچچە ئون يىل ئىچىدە سۇلياۋ سانائىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، پولىۋىنل خلورىد، پولىئېتىلېن، پولى سترېن، پولى پروپىلېن قاتارلىقلار ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. پولىئېتىلېن سۇلياۋدىن ئىشلەنگەن خالتىلار كۆركەم، يەڭگىل، سۇ ئۆتكۈزمەس، زەھەرسىز، پاكىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغىنى ئۈچۈن، يېمەكلىكلەرنى ئوراپ - قاچىلاشتا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، پولى پروپېندىن ئىشلەنگەن تانا (شوينا) پىششىق، كۆركەم بولغىنى ئۈچۈن قەغەزدىن ئىشلەنگەن تانا (شوينا)نىڭ ئورنىنى ئالدى؛ سۇلياۋ قاچا - قۇچىلار ياغاچ قاچا - قۇچىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، نۇرغۇن ياغاچ ماتېرىياللىرى تېجەپ قېلىندى، سۇلياۋدىن ئىشلەنگەن قاچا - قۇچىلار يەڭگىل، پىششىق، رېمونت قىلىش ئاسان بولغانلىقتىن فارفور قاچا - قۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئالدى. يامغۇرلۇق كىيىملەر كىشىلەرگە زور قۇلايلىق ئېلىپ كەلدى. يېزا ئىگىلىكىدە نېپىز سۇلياۋ پەردىلەرنى تۇپراق ئۈستىگە يېپىپ پارنىك ياساپ يەرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نەملىكنى ساقلاش ئارقىلىق بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىنىڭ ھەممىسىدە يېڭى كۆكتات يېيىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى. سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان بىر خىل سۇلياۋ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىدىن نەچچە ئون ھەسسە كۆپ سۇنى سۈمۈرەلىگىنى ئۈچۈن، بۇ خىل سۇلياۋ دانچىلىرىنى قۇملۇق تۇپراققا يېيىتىپ يامغۇر سۇلىرىنى سۈمۈرتۈپ زىرائەت - ئۆسۈملۈكلەرگە ئاستا - ئاستا يەتكۈزۈش ئارقىلىق قۇرغاقچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
دۇنياغا داڭلىق «سۇلياۋ شاھى» دەپ ئاتىلىدىغان پولى تېترافتورو ئېتىلېن سۇلياۋسى قاتتىق بولۇپ، ئىسسىقلىققا، سۈركىلىشكە چىداملىق، خىمىيىۋى خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن تۇراقلىق، كۈچلۈك كىسلاتا، كۈچلۈك ئىشقار، كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچىلارمۇ ئۇنى چىرىتەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن داتلاشماس پولاتتىنمۇ ياخشى بولغان خىمىيە سانائىتى ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلىرىنى ياساشقا بولىدۇ. پولى تېترافتورو ئېتىلېن «دۇنيادىكى ئەڭ سىلىق ماتېرىيال» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭدىن مايلاش ھاجەتسىز بولغان ئوق قازان، قاتتىق ھالەتتىكى پاراشوك ھەم سۇيۇقلۇق ماڭدۇرىدىغان تۇرۇبا ياساشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن داۋالاش ئەسۋابلىرى، سۈنئىي سۆڭەك قاتارلىقلار يەڭگىل بولۇپ، چىداملىق كېلىدۇ، داتلاشمايدۇ، ئادەم تېنىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.
نۆۋەتتە يېڭى تىپتىكى سۇلياۋلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلمەكتە. ئالىملار سۇلياۋ مولېكۇلىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى، جايلىشىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى ئېھتىياجغا ئۇيغۇنلاشقان ھەر خىل ئىقتىدارلىق ماتېرىياللارغا ئايلاندۇرماقتا. بىر قىسىم يېڭى تىپتىكى سۇلياۋلار ئاۋاز، يورۇقلۇق، توك ئۆتكۈزۈش، ماگنىتلىق بولۇش قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار كۆپ ئىقتىدارلىق يۇقىرى مولېكۇلىلار دېيىلىدۇ، كىشىلەرنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان توك ئۆتكۈزىدىغان سۇلياۋ ئۇلارنىڭ بىر خىلى.