سوپۇن
خىمىيە بىلىملىرى
كىر يۇيۇش ئۈچۈن سوپۇن لازىم بولىدۇ، بۇ ئەقەللىي ساۋات. بىراق، سوپۇن كىرنى زادى قانداق چىقىرىدۇ؟
خىمىيە ئالىملىرى ئالىي ياغ كىسلاتالىرىنىڭ تۇزلىرىنى سوپۇن دەپ ئاتاشقان. كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىلىدىغان سوپۇننىڭ ئاساسلىق تەركىبى ستېئارىن كىسلاتانىڭ ناترىيلىق تۇزى بولغاچقا، ناترىيلىق سوپۇن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سوپۇن مولېكۇلىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلارنىڭ بىر ئۇچىدا «سۇغا يېقىنداشلىق خۇسۇسىيەت»، يەنە بىر ئۇچىدا «مايغا يېقىنداشلىق خۇسۇسىيەت» بولىدۇ. ئەگەر كىيىملەرگە ماي تېگىپ كەتسە، شۇ جاينى ھۆل قىلىپ، ئۈستىگە سوپۇن سۈرتۈپ يەڭگىل ئۇۋۇلىساق، سوپۇن مولېكۇلىلىرىنىڭ مايغا يېقىنداشلىقى بولغان قىسمى كىردىكى مايلارنى ئوراپ ئۆزئارا قوشۇلۇپ سىرتى سۇغا يېقىنداش بولغان ئۇششاق «كوللوئىد» لارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مايلىق كىرلار سوپۇن ۋە سۇ تەرىپىدىن ئورىۋېلىنىپ، كىيىمدە ئاستا - ئاستا ئېرىپ سۇغا ئۆتىدۇ، سۈزۈك سۇدا چايقىغاندىن كېيىن مايلىق كىر سوپۇن مولېكۇلىسى بىلەن بىللە چىقىپ كېتىدۇ.
كىر يۇغاندا يەڭگىل ئۇۋۇلاش ئارقىلىق سوپۇن مولېكۇلىلىرىنىڭ كىر بىلەن ياخشى تېگىشىپ، كىرنى كىيىمدىن ئاجرىتىپ ئېلىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇپ، كىر بىلەن كىيىم تالالىرى ئارىسىدىكى يېپىشىش كۈچىنى بارغانسېرى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا كىرنى سوپۇن مولېكۇلىلىرى بىلەن بىرلىكتە سۇغا چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. كىرنى ئۇۋۇلاپ يۇغاندا ھاۋامۇ ئۆزىنىڭ ياردىمىنى ئايىمايدۇ. ھاۋا سوپۇن ئېرىتمىسىدە نۇرغۇن ماغزاپلارنى پەيدا قىلىپ سوپۇن ئېرىتمىسىنى «كۆپتۈرۈش» بىلەن سوپۇن ئېرىتمىسىنىڭ سىرتقى يۈز ھەجمىنى ۋە سىرتقى يۈز كېرىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، توپا - چاڭ، تەر قاتارلىق پاسكىنا نەرسىلەرنى كىيىمدىن«تۇتۇپ» چىقىپ سۇ بىلەن ئېقىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كىيىم ئۆزلۈكىدىن تازىلىنىدۇ.
سوپۇن ياخشى بولغان كىر چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن يەنە بەزى يېتەرسىزلىكلىرىمۇ بار. مەسىلەن، دائىم ئىشلىتىلىدىغان سوپۇنلاردىكى ئالىي ياغ كىسلاتالىرىنىڭ ناترىيلىق تۇزى قاتتىق سۇدىكى كالتسىي، ماگنىي قاتارلىقلارنىڭ تۇزى بىلەن ئۇچراشقاندا سۇدا ئېرىمەيدىغان كالتسىيلىق ۋە ماگنىيلىق سوپۇنلار ھاسىل بولۇپ، توقۇلما تالالىرىنىڭ ئاراچلىرىغا توپلىنىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سوپۇن ئىسراپ بولۇپلا قالماي، بەلكى كىيىمنى پاكىز يۇغىلى بولمايدۇ، ھەتتا كىيىمنى سارغايتىۋېتىدۇ ۋە رەڭگىنى ئالىچىپار قىلىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ناترىيلىق سوپۇن كۈچلۈك ئىشقارلىق خۇسۇسىيەتتە بولغانلىقتىن، يىپەك، يۇڭ توقۇلمىلارنىڭ چىدامچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ، پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. بۇ خىل نۇقسانلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، كىشىلەر سوپۇن پاراشوكى دەپ ئاتىلىدىغان سىنتېتىك سوپۇنلارنى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقاردى. ھازىر بۇ خىل سوپۇنلار كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.