UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىسەرەڭگىلەر

سەرەڭگىلەر

خىمىيە بىلىملىرى ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دۇنيادا ئەڭ بۇرۇنقى سەرەڭگىنى1680 - يىلى ئەنگلىيىلىك خىمىيە ئالىمى بويىل ياسىغانىكەن. ئەينى ۋاقىتتىكى سەرەڭگە ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسمى بىر ئۇچىغا گۈڭگۈرت دانچىلىرى يېپىشتۇرۇلغان ئىنچىكە ياغاچ تاياقچە، يەنە بىر قىسمى بولسا بىر قەۋەت فوسفور يالىتىلغان قاتتىق قەغەزدىن ئىبارەت ئىدى. ئوت ئالدۇرۇشتا ئىنچىكە ياغاچنىڭ گۈڭگۈرت يېپىشتۇرۇلغان ئۇچى فوسفور يالىتىلغان قەغەزگە سۈركەلسىلا ئوت ئالاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن خىلمۇخىل سەرەڭگىلەر ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.1827 - يىلىغا كەلگەندە ۋاركېر ئىسىملىك ئەنگلىيىلىك دورىگەر كالىي خلورات، سىتىبى سۇلفىد ۋە دەرەخ يېلىمىدىن سۈركىسە ئوت ئالىدىغان تۇنجى سەرەڭگىنى ياسىدى. ئىشلەتكەندە قۇم قەغەزگە سۈركىسىلا ئوت ئالاتتى.1855 - يىلى شۋېتسىيىلىك لۇنستوم يېڭى تىپتىكى بىر خىل سەرەڭگىنى ياسىدى. ئۇنىڭ ئوت ئالدۇرىدىغان ماتېرىيالىنىڭ بىر قىسمى سەرەڭگە تېلىنىڭ ئۇچىدا، يەنە بىر قىسمى سەرەڭگە قېپىدىكى قۇم قەغەزدە بولۇپ، شەكلى ھازىرقى سەرەڭگىلەردىن كۆپ پەرق قىلمايتتى، لېكىن ئۇ سەرەڭگىنىڭ تېلى تامغا سۈركەلسىمۇ ئوت ئالغاچقا بىخەتەر ئەمەس ئىدى. ھازىرقى سەرەڭگىلەر بىخەتەر سەرەڭگىلەردىن ئىبارەت. گەرچە ھازىرقى سەرەڭگىلەردە ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسە بولسىمۇ، لېكىن پەقەت سەرەڭگە بېشى سەرەڭگە قەغىزىگە سۈركەلگەندىلا ئاندىن ئوت ئالىدۇ. بۇ خىل سەرەڭگىلەر ستىبىي (Ⅲ) سۇلفىد بىلەن كالىي خلوراتتىن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۆزى ئوت ئالمايدۇ. سەرەڭگە قېپىنىڭ يان تەرىپىگە قىزىل فوسفور يېپىشتۇرۇلغان بولۇپ، سەرەڭگە تېلى سەرەڭگە قېپىدىكى قىزىل فوسفور بار جايغا سۈركەلسە، سەرەڭگە تېلىغا فوسفور يېپىشىدۇ، ئۇنى سۈركىگەن ھامان قىزىپ ئوت ئېلىپ، سەرەڭگە بېشىدىكى كالىي خلوراتنىمۇ قىزدۇرۇپ ئوكسىگېن ھاسىل قىلىش بىلەن بىللە، ستىبىي (Ⅲ) سۇلفىدنى ئوت ئالدۇرىدۇ -دە، سەرەڭگە كۆيۈشكە باشلايدۇ. ھازىرقى سەرەڭگىلەرنىڭ ياغىچى پاراففىن بىلەن دىۋىرقاي يېلىمى ئارىلاشمىسىغا چىلىنىدۇ، شۇڭا سەرەڭگىنى ياندۇرغاندىن كېيىن، سەرەڭگە ياغىچى تۈگىگەنگە قەدەر كۆيىدۇ. ھازىر ھەر خىل ئالاھىدە سەرەڭگىلەر بارلىققا كەلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى10 بالدىن يۇقىرى بوراندىمۇ ئۆچۈپ قالماي كۆيۈۋېرىدۇ، شۇڭا ئۇ شامالدىن قورقماس سەرەڭگە دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزىلىرىنى سۇغا بىرنەچچە سائەت چىلاپ قويسىمۇ داۋاملىق كۆيىدۇ، شۇڭا ئۇ سۇدىن قورقماس سەرەڭگە دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزى سەرەڭگىلەرنىڭ ياغىچى ئورنىغا پولات يىڭنە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، پولات يىڭنە ئۇچىغا دورا كۇمىلىچى سانجىپ قويۇلغان، دورا كۇمىلىچى فوسفور قەۋىتىگە سۈركەلسىلا ئوت ئالىدۇ. ئۇ ياغاچ ساپسىز سەرەڭگە دەپ ئاتىلىدۇ؛ بەزى سەرەڭگىلەر خەتەرگە يولۇققاندا قىزىل رەڭلىك سىگنال چىقىرىدۇ؛ بەزىلىرى ئادەمگە تاتلىق سۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىدىن بېشارەت بېرىپ يېشىل سىگنال چىقىرىدۇ، بۇلار سىگنال سەرەڭگىلىرى دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
سەرەڭگىلەر | UyghurWiki | UyghurWiki