ئىندىكاتورلار
خىمىيە بىلىملىرى
تۇز كىسلاتانىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى (+Hبىلەن -CI دىن تەركىب تاپقان)گە ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسى (-OHبىلەن +Ne دىن تەركىب تاپقان)نى تېمىتقاندا +Hبىلەن -OH لار ئۆزئارا رېئاكسىيىلىشىپ سۇنى ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسى داۋاملىق تېمىتىلسا تۇز كىسلاتانىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسىدىكى +H لار »پۈتۈنلەي يوقىلىپ«، ئېرىتمىدە بىرقانچە ياكى خېلى كۆپ -OH ئېشىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا ئېرىتمىدىكى +H لارنىڭ پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ بۇ جەرياننى ئېنىقلاشتا خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەرنىڭ «رېپىرى» − ئىندىكاتورلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىمىز.
ئەسلىدە -OH ئىئونى +H ئىئونىنى پۈتۈنلەي نېيتراللاپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئازراق ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسى قوشساق ئېرىتمىنىڭ pH قىممىتىدە جىددىي ئۆزگىرىش كۆرۈلىدۇ. پەقەت pH قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئېرىتمىدە رەڭ ئىپادىلەيدىغان ماددىنى تاپساقلا ئېرىتمىدىكى pH قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى «كۆرۈپ» ئالالايمىز. مانا شۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ماددىلار ئىندىكاتورلار دېيىلىدۇ، كىسلاتا ۋە ئىشقارلارنى نېيتراللارش رېئاكسىيىسىدە ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىندىكاتورلار كىسلاتا - ئىشقار ئىندىكاتورلىرى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، فېنولفتالېئىن، مېتىل ئۇرانژى قاتارلىقلار. تۇز كىسلاتا بىلەن ناترىي ھىدروكسىد ئارىسىدىكى نېيتراللىشىش رېئاكسىيىسى ئۈچۈن مېتىل ئۇرانژىنى ئىندىكاتور قىلىشقا بولىدۇ، تۇز كىسلاتانىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسىدە (+H ئىئونى كۆپ بولغاندا) ئۇ قىزىل رەڭ ئىپادىلەيدۇ؛ +H ئازلاپ، ئۇنىڭ قويۇقلۇقى نۆلگە يېقىنلاشقاندا قىزغۇچ سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ.
ئىندىكاتورلار ئىنتايىن كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا قوشۇلغان خام ئەشيالارنىڭ مىقدارىنىڭ مۇۋاپىق بولغان - بولمىغانلىقىنى، ئارتۇقچە خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەرنىڭ تولۇق ئاياغلاشقان ياكى ئاياغلاشمىغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش قاتارلىقلاردا ئىندىكاتورلار ئىشلىتىلىدۇ.
خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئىشلىتىلىدىغان ئىندىكاتورلارمۇ ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، ئوكسىدلىنىش - ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىلىرىگە ھۆكۈم قىلىشتا فېنىلئانىلىن، برومبروموكرىزول كۆكى قاتارلىق ئوكسىدلاش - ئوكسىدسىزلاش ئىندىكاتورلىرى ئىشلىتىلىدۇ؛ كومپلېكسلاش رېئاكسىيىلىرىدە »مېتال ئىندىكاتورلىرى« مەسىلەن، كاتىخول بىنەپشىسى قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. ئېيتىلىشتا ئۇلار مېتال ئىندىكاتورى دېيىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بىر خىل ئورگانىك بىرىكمە بولۇپ، پەقەت تېمىتىپ كومپلېكسلاش رېئاكسىيىلىرىدە تورىي، بىسمۇت، مىس قاتارلىق ئىئونلارنى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىلىدىغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق ئاتىلىپ قالغان.
يەنە چۆكمىگە چۈشۈرۈپ ئانالىز قىلىش ئۇسۇلىدا ئىشلىتىلىدىغان ئاتسوربىتسىيىلىگۈچى ئىندىكاتورلار، مەسىلەن، فلۇئورېسىېئىن، بروملۇق فېنول كۆكى قاتارلىقلار بار. كاتېخول كۆكى قاتارلىق بەزى ئىندىكاتورلار كۆپ ئىقتىدارلىق بولۇپ، ئۇلارنى كىسلاتا، ئىشقار ئىندىكاتورى قىلىشقىمۇ، مېتال ئىندىكاتورلىرى قىلىپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. بروملۇق فېنول كۆكى ھەم كىسلاتا، ئىشقار ئىندىكاتورى، ھەم ئاتسوربىتسىيىلىگۈچى ئىندىكاتور قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ.