UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىھاك تاشلىق ئۆڭكۈر

ھاك تاشلىق ئۆڭكۈر

خىمىيە بىلىملىرى نامى جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق گۇيلىندىكى يەتتە يۇلتۇز شەكىللىك تاش ۋە نەي شەكىللىك تاش، خاڭجۇنىڭ يېڭى مەنزىرە رايونىدىكى تىلسىمات تاش ئورمىنى ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ھاك تاشلاردىن تەركىب تاپقان بامبۇك ياغاچلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان تاش ئورمانلار، ستالاكتىتلارنىڭ خىلمۇخىل، ئاجايىپ كۆرۈنۈشلىرى خۇددى رىۋايەتلەردىكىدەك ئاجايىپ مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەنە شۇ ئاجايىپ گۈزەل كۆرۈنۈشلەر تەبىئەتتىكى خىمىيىۋى ئۆزگىرىشلەرنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىدىن ئىبارەت. ھاك تاشلىق ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىشىنى يۇقۇرىدىكى ئاددىي تەجرىبە ئارقىلىق بايان قىلىشقا بولىدۇ. بىر تال ئىنچىكە سۇلياۋ نەيچىنى ئېلىپ ئۇنى ئىستاكاندىكى سۈزۈك ھاك سۈيىگە كىرگۈزۈپ، يەنە بىر ئۇچىدىن پۈۋلىسەك ئۇزاق ئۆتمەي سۈزۈك ھاك سۈيى دۇغلىشىدۇ. ئەگەر داۋاملىق پۈۋلىسەك ئېرىتمە قايتا سۈزۈلىدۇ. ئەسلىدە بىز دەسلەپكى قېتىمدا پۈۋلىگەندە ئېغىزىمىزدىن چىققان كاربون (Ⅳ) ئوكسىد گازى ھاك سۈيىدىكى كالتسىي ھىدروكسىد بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ سۇدا ئېرىمەيدىغان كالتسىي كاربونات تۇزىنى ھاسىل قىلغان. شۇڭا، ھاك سۈيى دۇغلاشقان، داۋاملىق پۈۋلەۋەرگەندە ئېغىزىمىزدىن چىققان كاربون (Ⅳ) ئوكسىد گازى كالتسىي كاربوناتنى سۇدا ئېرىيدىغان كالتسىي ھىدروكاربونات تۇزىغا ئايلاندۇرغان. بۇ تەجرىبىدە يۈز بەرگەن خىمىيىۋى ئۆزگىرىشلەر ھاك تاشلىق ئۆڭكۈرنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ تەركىبىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بولۇپ، بۇ سۇلار يەر قاتلاملىرىدىن ئۆتكەندە ھاك تاشلىرى ئاستا - ئاستا ئېرىپ سۇدا ئېرىيدىغان كالتسىي ھىدروكاربوناتنى ھاسىل قىلىدۇ، سۇدا ئېرىگەن بۇ تۇزلار يەر ئاستى سۇلىرىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە ئېقىپ كېتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا چوڭ ھاك تاشلىق ئۆڭكۈر شەكىللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بولغان سۇلار خۇددى ھەيكەلتىراشقا ئوخشاش تاشلاردا قىزىقارلىق ئاجايىپ غەلىتە كۆرۈنۈشلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تەركىبىدە كالتسىي ھىدروكاربونات بولغان سۇ تامچىلىرى ئۆڭكۈر ئۈستىدىن تۆۋەنگە تامچىلاپ چۈشۈپ، مۇۋاپىق تېمپېراتۇرىدا قايتىدىن سۇدا ئېرىمەيدىغان كالتسىي كاربوناتقا ئايلىنىدۇ. بۇنداق كالتسىي كاربونات تۇزلىرى تاش ئۆڭكۈر ئۈستىدە ئېسىلىپ ستالاكتىتلارنى ھاسىل قىلىدۇ، تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئاستىغا ئېقىپ چۈشكەنلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ ئېگىزلەپ بامبۇكسىمان تاشلارغا ئايلىنىدۇ. ستالاكتىت بىلەن بامبۇكسىمان تاشلار ئۆزئارا بىرلىشىپ «تاش تۈۋرۈك»لەرنى شەكىللەندۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
ھاك تاشلىق ئۆڭكۈر | UyghurWiki | UyghurWiki