UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىتۆمۈر ئاقسىلى

تۆمۈر ئاقسىلى

خىمىيە بىلىملىرى ھاۋادىكى ئوكسىگېن ۋە نەملىك تۆمۈر بىلەن ئۇچراشقان ھامان ئوكسىدلىنىش - ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلىپ تۆمۈرنى داتلاشتۇرىدۇ. ئادەم بەدىنىدىمۇ ئوكسىگېن ۋە سۇ بولىدۇ يۇ، نېمە ئۈچۈن بەدەندىكى تۆمۈر داتلاشمايدۇ؟ تۆمۈرنىڭ ئادەم تېنىدىكى مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ. قۇرامىغا يەتكەن بىر ئادەمنىڭ تېنىدە تەخمىنەن3 گرام تۆمۈر بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى بىر تال كىچىك مىخنىڭ ئېغىرلىقىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ ھېموگلوبىن (مىيۇگلوبىن، ھۈجەيرە پىگمېنتى)نى تۈزگۈچى ئاساسلىق تەركىب بولغاچقا، ھېموگلوبىنغا چىڭ يېپىشىپ، قىزىل قان شارچە ھۈجەيلىرىنى ئوكسىگېننى ئۆپكىدىن بەدەننىڭ باشقا جايلىرىغا ئېلىپ بارالايدىغان قىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى تۆمۈر ئاتوملىرىنى ھېموگلوبىن قوغدايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئوكسىگېن بىلەن رېئاكسىيىلەشمەيدۇ. لېكىن، ئادەم تېنىدىكى قىزىل قان شارچە ھۈجەيرىلىرى ئۆلگەندىن كېيىن، تۆمۈر ئاتوملىرى قوغدىغۇچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، داتلىشىش پۇرسەتلىرىمۇ بولىدۇ. بەختكە يارىشا ئادەم تېنىدە داتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى بىر خىل ئاقسىل — تۆمۈر ئاقسىلى بولىدۇ، ئۇلار دەستە - دەستە بولۇپ توپلىنىپ ئىچى كاۋاك ئاقسىل شارچىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئۇ خۇددى كىچىك ئامبارغا ئوخشاش ئىچىدە40 −50 دانە تۆمۈر ئاتومىنى ساقلاپ، بۇلارنى ئوكسىگېن بىلەن ئۇچراشتۇرمايدۇ. تۆمۈر ئاتوملىرى لازىم بولغاندا ئۇلارنى چىقىرىپ باشقا تەركىبلەر بىلەن بىرلىكتە قايتىدىن يېڭى قىزىل قان شارچە ھۈجەيرىلىرىنى تۈزىدۇ. تۆمۈر ئاقسىلىنىڭ ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى «داتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» رولى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭدىن كاشىلا چىققان ھامان بۆرەك تۆمۈر دېتى بىلەن توسۇلۇپ قېلىپ، ھاياتىي بىخەتەرلىككە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھازىر ئالىملار «داتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان» تۆمۈر ئاقسىلىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، پولات ماتېرىياللىرىنىڭ دېڭىز سۈيىدە چىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى تېگىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى