دېھقانچىلىق دورىلىرى
خىمىيە بىلىملىرى
خىمىيىۋى دېھقانچىلىق دورىلىرى ئارقىلىق زىرائەتلەرگە كېسەللىك ھاشاراتلىرىنىڭ زىيان سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش30 - يىللاردا باشلانغان. ئەڭ بۇرۇن ئىشلىتىلگىنى DDT,666 بولۇپ، ئۇلار زىيانداش ھاشاراتلارنى كۆپ مىقداردا يوقىتىپ، خىمىيىۋى دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنى نامايان قىلغانىدى.
DDT تەركىبىدە خلور بولغان ئورگانىك بىرىكمە بولۇپ، ئۇنىڭ زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىش ئىقتىدارى بىرقەدەر كۈچلۈك، ئادەم، ھايۋانلارغا بولغان زەھەرلەشچانلىقىمۇ ئۇنچە چوڭ ئەمەس. نەچچە ئون يىللاردىن بېرى TDD دېھقانچىلىق دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىپلا قالماستىن، يەنە پاشا، چىۋىن، چېكەتكە، چۇسا قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتىشتىمۇ ئىشلىتىلمەكتە. لېكىن، DDT ئاسان پارچىلانمىغانلىقتىن، مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت ساقلىنىپ قالىدۇ، جانلىقلار تېنىدىمۇ ئۈزلۈكسىز توپلىنىپ قالىدۇ، بۇ ئەھۋال بېلىق، قۇش قاتارلىقلارنىڭ ھاياتىغا زور خەۋپ يەتكۈزۈپلا قالماي، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ زىيان يەتكۈزۈپ، مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.666 ۋە تەركىبىدە خلور بولغان باشقا دېھقانچىلىق دورىلىرىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال مەۋجۇت. شۇڭا، پارچىلانمايدىغان ۋە ئۇزاققىچە تەسىرى يوقالمايدىغان دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئورنىنى تەركىبىدە فوسفور بولغان ئورگانىك دېھقانچىلىق دورىلىرى ئىگىلىدى.
تەركىبىدە فوسفور بولغان دېھقانچىلىق دورىسى ئىككىنچى ئەۋلاد دېھقانچىلىق دورىلىرى دېيىلىدۇ. مەسىلەن، DDV، پاراتىئون (يەنى1605 قاتارلىق)لار ئاسان پارچىلىنىدۇ، جانلىقلار تېنىدە توپلانمايدۇ، مۇھىتنى بۇلغاش دەرىجىسىمۇ بىرقەدەر تۆۋەن، ھاشاراتلارنى ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى. ئۇنىڭ ئاساسلىق يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئادەم ۋە ھايۋانلارنى بىرقەدەر ئېغىر دەرىجىدە زەھەرلەيدۇ، ئۇنى مۇۋاپىق ئىشلەتمىگەندە ئاسانلا زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، يەنە بىر قىسىم ئۈنۈمى يۇقىرى، زەھىرى ئاز دېھقانچىلىق دورىلىرىمۇ مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كاربامات تۈرىدىكى دورىلار ۋە پىرېترىن تۈرىدىكى دورىلار زور تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە.
خىمىيىۋى دېھقانچىلىق دورىلىرى گەرچە زىيانداش ھاشاراتلارنى يوقىتالىسىمۇ، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەسەل ھەرىسى قاتارلىق پايدىلىق ھاشاراتلارنى ھەمدە مەخسۇس زىيانداش ھاشاراتلارنى يەپ تۈگىتىدىغان پايدىلىق ھايۋانلارنىمۇ زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. دېھقانچىلىق دورىلىرىنى تاللاشچانلىققا ئىگە قىلىپ، پەقەت زىيانداش ھاشاراتلارنىلا يوقىتىپ، باشقا ھايۋانلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان قىلىش دېھقانچىلىق دورىلىرى تەتقىقاتىدىكى بىر نىشان. ئۇنىڭدىن سىرت، دېھقانچىلىق دورىلىرى سېپىلگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا بەزى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ قالدۇقلىرى قېلىپ قالىدۇ، ئۇلار تېزلىكتە كۆپىيىپ دورىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان يېڭى سورتقا ئايلىنىدۇ، نەتىجىدە دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ھازىر كىشىلەر دورىغا قارشىلىق پەيدا قىلمايدىغان، مەخسۇس خاسلىققا ئىگە ھورمون تىپىدىكى ئۈچىنچى ئەۋلاد دورا — جىنسىي سىرتقى ھورمون، لىچىنكا پېتى ساقلاش ھورمونى، تېرە تاشلاتقۇزۇش ھورمونى قاتارلىقلارنى تېپىپ چىقتى.