UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىمولېكۇلا فورمۇلىسى

مولېكۇلا فورمۇلىسى

خىمىيە بىلىملىرى خىمىيە ئالىملىرى ھازىرغىچە109 خىل ئېلېمېنتنى تېپىپ چىقتى، بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوملىرى ئوخشىمىغان شەكىلدە بىرىكىپ خىلمۇخىل مولېكۇلىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. دۇنيادىكى ماددىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مولېكۇلىلاردىن تۈزۈلگەن. مەسىلەن سۇ سۇ مولېكۇلىلىرىدىن، سۇ مولېكۇلىلىرى بولسا بىر ئوكسىگېن ئاتومى، ئىككى ھىدروگېن ئاتومىدىن تۈزۈلگەن. ئەگەر ماددىلارنىڭ تەركىبىنى يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز دېسەك، ئۇ ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىل - يېزىقى ئوخشىمىغىنى ئۈچۈن بىرلىككە كەلتۈرۈشمۇ قىيىن ئىدى. خىمىيىۋى مولېكۇلا فورمۇلا مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن، دۇنيادا بىرلىككە كەلگەن خىمىيىۋى ئىبارە بارلىققا كەلدى، مەسىلەن، سۇ20H ئارقىلىق ئىپادىلىنىپ كۆپ ئاددىيلاشتى. بۇ خىل خىمىيە پادىشاھلىقىدىكى بىرلىككە كەلگەن ئىبارە كۆپ يىللىق تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى. ھازىر ماددىلارنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسىنى ئاسانلا يازالايمىز. ئاددىي ماددىلارنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسى شۇ ئاددىي ماددىنى تۈزگۈچى ئېلېمېنت بەلگىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىغا ئاتوم سانىنى يېزىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئازوت گازى —2 N، ئوكسىگېن گازى —2 O، مىس— Cu . ئەگەر بىرىكمە بولغان تەقدىردە، ئالدى بىلەن شۇ بىرىكمىنى تۈزگۈچى مولېكۇلىدىكى ھەرقايسى ئاتوملارنىڭ سانىنى بىلىۋېلىپ، ئاندىن كېيىن مۇسبەت ۋالېنتلىق ئاتوم ئالدىغا، مەنپىي ۋالېنتلىق ئاتوم كەينىگە يېزىلىش پرىنسىپى بويىچە يېزىپ، ئاتوم سانىنى يېزىپ كۆرسەتسەكلا بولىدۇ. مەسىلەن، سۇ مولېكۇلىسى H2O، ھاك CaO، تۇز كىسلاتا HCI. ماددىلارنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، سانسىزلىغان ماددىلارنى ئاددىيلا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدىغان بولدى ھەمدە بۇ پۈتۈن دۇنيادا ئورتاق قوللىنىلىپ، خىمىيە پېنىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن زور قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى