خىمىيىۋى ئوغۇت
خىمىيە بىلىملىرى
20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خىمىيىۋى ئوغۇت بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، ئائىلىۋى ئوغۇتلارغا تايىنىدىغان ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىكىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تەرەققىياتى تېزلەشتى. خىمىيىۋى ئوغۇت ھازىرقى زامان يېزا ئىگىلىكىدە ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
خىمىيىۋى ئوغۇتلار ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى، تۈرى بىرقەدەر كۆپ بولغىنى ئازوتلۇق ئوغۇتتىن ئىبارەت. كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان ئازوتلۇق ئوغۇتلاردىن ئاممونىي سۇلفات، ئاممونىي ھىدروكاربونات، ئۇرېيە ۋە ئاممىياكلىق سۇ قاتارلىقلار بار. ئاممونىي سۇلفات تەركىبىدە ئازوت مىقدارى يۇقىرى ئەمەس، ئۇنى دائىم ئىشلەتكەندە تۇپراق كىسلاتالىشىپ قېتىپ كېتىدۇ. ئاممونىي كاربوناتنى ئىشلەپچىقىرىش ئاسان، تەننەرخىمۇ تۆۋەن، پارچىلانغاندىن كېيىن ئاممىياك، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ۋە سۇ ھاسىل بولىدۇ، ئۇنى ئۆسۈملۈك شۈمۈرگەندىن كېيىن ھېچقانداق قالدۇق قالمايدۇ. ئۇرېيە تەركىبىدىكى ئازوت مىقدارى %47 ئەتراپىدا بولۇپ، كۆپ ئىشلىتىدىغان ئازوتلۇق ئوغۇتلار ئىچىدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئازوت مىقدارى ئەڭ يۇقىرى، مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، شۇڭا ئۇنى دېھقانلار ئەڭ قارشى ئالىدۇ. ئاممىياكلىق سۇنىڭ باھاسى ئەڭ ئەرزان، ئۇنى ئۆسۈملۈكلەر ئاسان شۈمۈرىدۇ، ئوغۇتلۇق ئۈنۈمىمۇ تېز. لېكىن، ئۇ سۇيۇقلۇق بولغانلىقتىن ئاسان ئۇچۇپ كېتىدۇ، ئىشلىتىش، ساقلاش ئانچە قۇلايلىق ئەمەس.
كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان فوسفورلۇق ئوغۇت سۇپېرفوسفات بىلەن كالتسىي دىھىدرو فوسفاتتىن ئىبارەت. فوسفور ئېلېمېنتى ئۇرۇقنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ، مايسا ۋە يىلتىزنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىدۇ. كالىيلىق ئوغۇتلار تەركىبىدە كالىي بولغان تۇزلاردىن ئىبارەت، ئۇلار زىرائەتلەرنىڭ غول - شاخلىرىنى چىڭىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاسان كېسەل بولمايدىغان، سوغۇقتىن قورقمايدىغان قىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تۆمۈر، بور، سىنك، مىس، مولىبدېن، مانگان، سېرەك يەر ئېلېمېنتلىرى قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىق مىقدارى ئاز بولغىنى ئۈچۈن ئادەتتە تۇپراقتا كەم بولمايدۇ. لېكىن، زىرائەتلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت تېرىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئېلېمېنتلارنىڭ تۇپراقتىكى مىقدارى بارغانسېرى ئازىيىپ بارغاچقا، ئۇلارنىمۇ تولۇقلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، تەركىبىدە بۇ ئېلېمېنتلار بولغان بىرىكمە ئوغۇتلارمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.