خىمىيىۋى سىنتېتىك دورىلار
خىمىيە بىلىملىرى
دورىگەرلىك ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. قەدىمكى مىسىرلىقلار ئەپيۈنگۈل (كۆكنار)دىن پايدىلىنىپ ئەپيۈن ياسىغان. دۆلىتىمىزدىمۇ كىشىلەر قەدىمكى زامانلاردىلا ئۆسۈملۈك دورىلىرىدىن دورىلىق ھاراق ۋە مەلھەملەرنى ئىشلىگەن. خىمىيە پېنىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئىنسانلار بارا - بارا تەبىئىي دورىلار تەركىبىدىن ئۈنۈملۈك تەركىبلەرنى ئايرىپ ئېلىشقا باشلىدى. مەسىلەن، چاكاندىدىن ئېفېدرىننى، خېنىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقىدىن خېنىننى، ئەپيۈندىن مورفىننى ئايرىپ ئالدى. تا بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇنلىغان دورىلار يەنىلا ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىپ ئېلىنماقتا، مەسىلەن، مامۇرانچىندىن مامۇرانچىن ماددىسى، چاي يوپۇرمىقىدىن كوفېيىن، تۇخۇمەك دەرىخىدىن رۇتىن قاتارلىقلار تازىلاپ ئېلىنىدۇ.
تەبىئىي دورىلار ھامان تەبىئىي شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ، بەزى بىرىكمىلەر ھايۋانات، ئۆسۈملۈك تېنىدە ناھايىتى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تازىلاش، ئايرىش ئىنتايىن تەس، تەننەرخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا، ئىنسانلار ساپ، ئەرزان بولغان خىلمۇ - خىل دورىلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇلارنى سىنتېزلاشقا باشلىدى. بىر خىل ئۇسۇلدا، ئاسان تاپقىلى بولىدىغان بىر خىل تەبىئىي بىرىكمىنى بەزىبىر خىمىيىۋى ئۆزگىرىشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق باشقا بىر خىل دورا ئېلىنىدۇ، بۇ ئۇسۇل يېرىم سىنتېزلاش دەپ ئاتىلىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇلدا ئاتسىتىلېن، ئېتانول، بېنزولدىن ئىبارەت ئاددىي بىرىكمىلەرنى بىر قاتار خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەردىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق مۇرەككەپ دورىلار سىنتېزلاپ چىقىلىدۇ، بۇ تولۇق سىنتېزلاش دەپ ئاتىلىدۇ. كىشىلەرنىڭ دورىلارنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشى ۋە ئۇلارنى سىنتېزلاش ئۇسۇللىرىنى چۈشىنىشىنىڭ چوڭقۇرلاپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار تەدرىجىي ھالدا دورىلارنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشى بىلەن ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەبىئەتتە مەۋجۇت بولمىغان تېخىمۇ كۆپ يېڭى دورىلارنى سىنتېزلىيالايدىغان بولدى. بۇ دورىلار ئىنسانلارنىڭ كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشى، ئاغرىق ئازابىنى يېنىكلىتىشى، ئۆمرىنى ئۇزارتىشىغا ھەمدەمدە بولماقتا.