UyghurWiki›خىمىيە بىلىملىرى›يۇلتۇزلاردىكى ئېلېمېنتلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىكى سپېكتر ئانالىز تېخنىكىسى
يۇلتۇزلاردىكى ئېلېمېنتلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشتىكى سپېكتر ئانالىز تېخنىكىسى
خىمىيە بىلىملىرى
ئاسماندىكى يۇلتۇزلار قانداق خىمىيىۋى ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان؟ بۇ سوئال بۇنىڭدىن100 نەچچە يىللار ئىلگىرىلا جاۋابقا ئېرىشكەن. ئالىملار بىر خىل ئالاھىدە «كۆز» − سپېكتر ئانالىز تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ يۇلتۇزلارنى تەكشۈرگەن.1854
- يىلى گېرمانىيىلىك بۇنسېن ھامبۇرگ شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر گازى زاۋۇتىدا يېڭى تىپتىكى گاز لامپىسىنى كەشىپ قىلغان. بۇ لامپىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃2300 قا يەتكەندىمۇ يالقۇنى رەڭسىز بولغىنى ئۈچۈن «بۇنسېن لامپىسى» دەپ ئاتالغان، بۇنسېن بۇ لامپىنى ئىشلىتىش جەريانىدا مۇنداق بىر قىزىق ھادىسىنى بايقىغان. يالقۇننى لامپا نەيچىسى ئىچىگە كىرگۈزگەندە، مىستىن ئىشلەنگەن لامپا نەيچىسى يالقۇننى كۆكۈچ يېشىل رەڭگە ئۆزگەرتكەن؛ ئەينەك نەيچە قىزىپ قىپقىزىل ھالەتكە كەلگەندە يالقۇنى سېرىق رەڭگە ئۆزگەرگەن. بۇنسېن ئەستايىدىل تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئوخشىمىغان ماددىلارنىڭ ئوخشىمىغان رەڭدىكى يالقۇن ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن. بۇ، ئوخشىمىغان ئېلېمېنتلارنىڭ ئوخشىمىغان يالقۇن چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنسېن دوستى كىرخوۋنىڭ تەكلىپى ھەم ياردىمىدە بىرىنچى سپېكتر ئانالىز ئەسۋابى − نۇر بۆلگۈچ ئەينەكنى ياساپ چىققان.
باشتا ئۇلار ئاش تۇزىنى پلاتىنا سىمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ لامپا يالقۇنىغا تۇتقاندا، يالقۇن يوپيورۇق سېرىق رەڭگە كىرگەن، بۇنسېن سپېكترنى كۆزىتىدىغان ئەينەك تۇرۇپكىدا قارا رەڭنىڭ كەينىدە ئىككى تال سېرىق رەڭ بەلۋېغى بارلىغىنى كۆرگەن، ئاندىن ئۇلار پلاتىنا سىمنى كالىي تۇزى، سىترونتسىي تۇزى، لىتىي تۇزىغا مىلەپ ئېلىپ، بۇنسېن لامپىسىدا كۆيدۈرگەندە ئاچ بىنەپشەرەڭ، كۆك رەڭ ۋە قىزىل رەڭلىك سىزىقلارنى كۆرگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلار تۆت خىل تۇزنى ئارىلاشتۇرۇپ يالقۇنغا تۇتۇپ، بارلىق يورۇق سپېكتر سىزىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئورنىدا مۇستەقىل نۇر چىقىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇلاردىن ناترىينىڭ ئىككى تال سېرىق رەڭلىك سپېكتر سىزىقىنىڭ ئەڭ يورۇق ئىكەنلىكىنى، كالىينىڭ بىنەپشە رەڭلىك، سترونتسىينىڭ كۆك رەڭلىك، لىتىينىڭ قىزىل رەڭلىك نۇر چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ خۇددى مىغ - مىغ ئادەملەر توپى ئىچىدىن بىرەر ئادەمنى ئىزدىسەك، پەقەت ئۇنىڭ بېشى كۆرۈنسىلا ئادەمنى تاپالىغىنىمىزدەكلا ئىش. مەلۇم ئېلېمېنتنى چوغلاندۇرغاندا پارى چىقارغان نۇرنى بىلسەكلا شۇ ئېلېمېنتنىڭ قانداق ئېلېمېنت ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايمىز. مانا مۇشۇ ئېھتىياج تۈپەيلىدىن سپېكتر ئانالىز تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى.
شۇنىڭدىن كېيىن كىرخوۋ ۋە بۇنسېنلار بۇ تېخنىكىنى قوللىنىپ يەر شارىدىكى مىنېراللار، دېڭىز سۇلىرى، سۈت، ئۈزۈم، ئادەم قېنى، ھايۋانلارنىڭ مۇسكۇللىرىدىكى ھەر خىل ئېلېمېنتلارنى تاپتى، شۇنداقلا يەنە قۇياش نۇرىدىن كۆپ خىل ئېلېمېنتلارنى تاپتى. شۇنىڭدىن باشلاپ ئالىملار يۇلتۇزلارغا «يوشۇرۇنغان» ئېلېمېنتلارنىمۇ تېپىپ چىقالايدىغان بولدى.