UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتى

ئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتى

خىمىيە بىلىملىرى بىر دانە مولېكۇلا فورمۇلىسىدىن مۇنداق ئىككى ئىشنى بىلەلەيمىز: بىرى، ئاتوملارنىڭ تۈرى؛ يەنە بىرى، بۇ ئاتوملارنىڭ بىرىكمىدىكى سانى. مەسىلەن، كالتسىي خلورىدنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسى بولغان (2lCaC) بىزگە: ئۇنىڭ ئىككى خىل ئاتوم − كالتسىي بىلەن خلوردىن تەركىب تاپقانلىقىنى، ئۇنىڭدا بىر كالتسىي ئاتومى بىلەن ئىككى دانە خلور ئاتومى بىرىكىپ تۇرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر ناترىي مېتالىنى خلور گازى قاچىلانغان قاچىغا سېلىپ قىزدۇرساق قاچىدا ناترىي خلورىد ھاسىل بولىدۇ. بىز بۇنى ئىككى خىل ماددا بىرىكىش رېئاكسىيىسى ئارقىلىق بىرىكىپ يېڭى بىر خىل ماددىغا ئايلاندى دەيمىز. يەنە مەسىلەن، خلور بىلەن تۆمۈر رېئاكسىيىلىشىپ تۆمۈر خلورىدنى ھاسىل قىلىدۇ. خىمىيە ئالىملىرى مەيلى قانداق شارائىتتا بولسۇن خلور گازى بىلەن ناترىي رېئاكسىيىلەشكەندە ھامان ناترىي خلورىد (NaCI) ھاسىل بولىدىغانلىقىنى، خلور گازى بىلەن ماگنىي رېئاكسىيىلەشكەندە ھامان ماگنىي خلور (MgCI2) ھاسىل بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. باشقىچە ئېيتقاندا، بىر دانە خلور ئاتومى پەقەت بىر دانىلا ناترىي ئاتومى بىلەن بىرىكەلەيدۇ، ئەمما ئىككى دانە خلور ئاتومىلا پەقەت بىر دانە ماگنىي ئاتومى بىلەن بىرىكەلەيدۇ. بىز بىر دانە ئاتومنىڭ باشقا ئاتوملار بىلەن بىرىكەلەيدىغان سانىنى ئۇنىڭ «ۋالېنتى» (ئاتوم ۋالېنتى) دەپ ئاتايمىز. ۋالېنتلىقتا ھىدروگېن ئاتومىنىڭ ۋالېنتى ئۆلچەم قىلىنىدۇ. بىر دانە ھىدروگېن ئاتومى ئەڭ كۆپ بولغاندا باشقا ئېلېمېنتنىڭ پەقەت بىر دانە ئاتومى بىلەنلا بىرىكەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ۋالېنتى بىر بولىدۇ. ئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتىدا يەنە مۇسبەت ۋە مەنپىي خۇسۇسىيەت ئىپادىلىنىدۇ. ھىدروگېننىڭ ۋالېنتىنى1 + ۋالېنت دەپ مۇقىملاشتۇرۇۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن بىرىككەن ئېلېمېنتلار مەنپىي ۋالېنتلىق بولىدۇ. بىر دانە خلور ئاتومى پەقەت بىر دانىلا ھىدروگېن ئاتومى بىلەن بىرىكەلىگەنلىكتىن، خلورنىڭ ۋالېنتى1 - ۋالېنت بولىدۇ. مۇشۇ تەرتىپ بويىچە بولغاندا، ناترىينىڭ ۋالېنتى1 + ۋالېنت، تۆمۈرنىڭ ۋالېنتى3 + ۋالېنت بولىدۇ. ۋالېنتلىقتا يەنە مۇنداق بىر قانۇنىيەت بار: A ۋە B دىن ئىبارەت ئىككى ئېلېمېنت بىرىكىپ ھاسىل قىلغان بىرىكمىدە، ئېلېمېنت A نىڭ ۋالېنتىنىڭ ئومۇمىي سانى بىلەن ئېلېمېنتB نىڭ ۋالېنتىنىڭ ئومۇمىي سانى ئۆزئارا تەڭ بولىدۇ.P2O5 (فوسفور )Ⅴ( ئوكسىد)نى مىسالغا ئالساق، بۇ مولېكۇلىدا، فوسفورنىڭ ۋالېنتى × فوسفورنىڭ ئاتوم سانى = ئوكسىگېننىڭ ۋالېنتى × ئوكسىگېننىڭ ئاتوم سانى بولىدۇ. بۇ مۇناسىۋەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتىغا ئاساسەن بىرىكمىلەرنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسىنى يازالايمىز. مەسىلەن، ئوكسىگېننىڭ2 - ۋالېنتلىق، ئاليۇمىننىڭ3 + ۋالېنتلىق ئىكەنلىكى بىزگە مەلۇم، بۇنىڭغا ئاساسەن ئاليۇمىن ئوكسىدنىڭ مولېكۇلا فورمۇلىسىAI2O3 نى ئاسانلا يېزىپ چىقالايمىز.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى