ياغلار
خىمىيە بىلىملىرى
ئادەملەر ئىستېمال قىلىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك مايلىرى ئومۇملاشتۇرۇپ ياغلار دەپ ئاتىلىدۇ. ياغلار سۇدا ئېرىمەيدۇ.
ياغلار خىمىيىدە گلىتسېرىن بىلەن ياغ كىسلاتالىرىنى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنىدۇ، شۇڭا ئۇ گلىتسېرىدلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياغلار (گلىتسېرىدلار)نى ئادەم ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، ئادەم تېنىگە كىرگەن ياغلارنىڭ مولېكۇلىلىرى مۇناسىپ فېرمېنتلارنىڭ تەسىرىدە ئۈچ دانە سۇ مولېكۇلىسى بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ بىر دانە گلىتسېرىن مولېكۇلىسى بىلەن ئۈچ دانە ياغ كىسلاتا مولېكۇلىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رېئاكسىيىلىشىپ ئادەم تېنىنى ئېنېرگىيە ۋە ئېھتىياجلىق ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئادەم تېنى قوبۇل قىلغان ياغلار ئادەم تېنىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن كېيىن ئەگەر ئېشىپ قالسا، ئۇ بەدەندە زاپاس ساقلىنىپ، كېيىنكى ئېھتىياجنى تەمىن ئېتىدۇ. قىزىق يېرى شۇكى، ئادەمنىڭ قىشتا يەيدىغان تامىقى يازدىكىدىن كۆپ بولىدۇ، چۈنكى ئوزۇقلۇقلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر قىسمى خوراپ، يەنە بىر قىسمى بەدەننىڭ ئۆزىنىڭ ماددىسىغا ئايلىنىدۇ، ئۇلار ئىچىدىكى كۆپچىلىكى ياغلارغا ئايلىنىدۇ. ئادەم تېنى سوغۇققا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن بىر قىسىم ياغلارنى پارچىلاپ ئىسسىقلىق ھاسىل قىلىشى كېرەك بولىدۇ. ئالىملار1 گرام ياغ ئادەم بەدىنىدە تولۇق ئوكسىدلىنىپ پارچىلانغاندا9 .38 كىلوكالورىيە ئېنېرگىيە ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى، بۇ، شېكەر، ئاقسىللار ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان ئېنېرگىيىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان.
ياغلىق تائاملارنى كۆپرەك يېگەندە قورساق ئاسانلىقچە ئاچمايلا قالماستىن، بەدەننى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ ئېشىپ قالغان بىر قىسىم ياغلار تېرە ئاستىغا توپلىنىپ، مۇسكۇل ۋە تېرىلەرنى تولۇق، يۇمشاق، چىرايلىق قىلىدۇ. لېكىن، بەدەندە ياغ بەك كۆپىيىپ كەتسە ئادەم سەمرىپ كېتىدۇ، ھەتتا تاجسىمان يۈرەك كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىق كېسەللىكلەرگە دۇچار بولىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، ئوتتۇرا ياشتىن ئاشقانلار ياغنى ئازراق يەپ، خولېستېرىننىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك. بالىلار ۋە ياش - ئۆسمۈرلەر ياغلارنى، مەسىلەن، سېرىقماي، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېسە بولىدۇ.