UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىتالالار

تالالار

خىمىيە بىلىملىرى غەيرىي شەكىلدىكى تالالار تەبىئىي تالالارنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئاستىدا بارلىققا كەلتۈۈلگەن تالالاردىن ئىبارەت. ئەگەر تەبىئىي تالالارنىڭ كەسمە يۈزىنى مىكروسكوپتا كۆزەتسەك، ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تۈزۈلۈشىنى كۆرەلەيمىز. پاختا تالاسى دادۇر شەكلىدە، ئات تۇيىقى شەكلىدە كۆرۈنىدۇ، ئوتتۇرىسى كاۋاك شەكىلدىكىلىرى، ئېللىپس شەكىلدىكىلىرىمۇ بار. يىپەك تالاسىنىڭ تۈزۈلۈشى ئۈچبۇلۇڭ شەكلىگە يېقىنراق كېلىدۇ، يۇڭ تالالارنىڭ كۆپىنچىلىرىنىڭ تۈزۈلۈشى يۇمىلاق شەكىلدە، يانلىرى ياپراقسىمان شەكىلدە بولىدۇ. غەيرىي شەكىلدىكى تالالار دېگىنىمىز ئەسلىدە ئوپمۇئوخشاش بولغان سىنتېتىك تالالاردىن تەييارلانغان كەسمە يۈزى غەيرىي بولغان تالالارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنى خۇددى تەبىئىي تالالارغا ئوخشاش ئۈچبۇلۇڭ شەكلىگە، يۇلتۇز شەكلىگە، كۆپ يوپۇرماق شەكلىگە كەلتۈرۈپ، كەسمە يۈزى غەيرىي بولغان تالاغا ئايلاندۇرۇشقىمۇ، ئوتتۇرىسى كاۋاك بولغان غەيرىي شەكىلدىكى تالاغا ئايلاندۇرۇشقىمۇ ياكى غەيرىي شەكىلدىكى بىرىكمە تالاغا ئايلاندۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. غەيرىي شەكىلدىكى تالالارمۇ خۇددى تەبىئىي تالالاردەك كۆركەم بولىدۇ. مەسىلەن، كەسمە يۈزى ئۈچبۇلۇڭ شەكلىدە بولغان سىنتېتىك تالالار خۇددى ياقۇتتەك جۇلالىق بولغاچقا، ئۇنىڭدىن توقۇلغان رەختلەر پارقىراق بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى، تۈكلىشىۋېلىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۆپ دەرىجىدە ياخشىلانغان بولىدۇ. يۇمىلاق شەكىلدىكى، ئوتتۇرىسى بوش كاۋاك شەكىلدىكى تالالارنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشى بولۇپ، ئۇلار ئارىلاش تالالىق توقۇلما، سۈنئىي يۇڭ توقۇلما بۇيۇملارنى ئىشلەشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇنداق تالالاردىن توقۇلغان رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەرنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقى ۋە نەملىك سۈمۈرۈشچانلىقى ئادەتتىكى خىمىيىۋى تالالارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرىسى كاۋاك بولغان يۇمىلاق شەكىللىك تۈزۈلۈشتىكى دىلون تالاسىدىن تىكىلگەن كىيىملەرنى ياز پەسلىدە كىيگەندە دىمىق تۇيۇلمايدۇ. ئوتتۇرىسى كاۋاك تۈزۈلۈشتىكى نىلوندىن توقۇلغان پايپاقلار پۇتى تەرلەيدىغانلارنىڭ كىيىشىگە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. غەيرىي شەكىلدىكى تالالار نۇرغۇن ئىقتىدارغا ئىگە، ئۇلارنى ئىشلەشمۇ ئانچە قىيىن ئەمەس. پەقەت ھەر خىل يۇقىرى مولېكۇلىلىق پولىمېرلار ئالاھىدە شەكىلدىكى يىپ پۈركۈگۈچتىن ئۆتكۈزۈلسىلا خىلمۇخىل شەكىلدىكى تالالارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھەر خىل خىمىيىۋى تالالار مەسىلەن، نىلون، دىلون، چىڭلۇن، بىڭلۇن قاتارلىقلاردىن مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا يىپ چىقىرىلسۇن ھەممىسىدىنلا غەيرىي شەكىلدىكى تالالارنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. غەيرىي شەكىلدىكى تالالارنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، ئىقتىدارى ھەر خىل، ئۇلارنى ئىشلەش ئاسان، ئەرزان بولغاچقا، ئۇلار خىمىيىۋى تالا ئىشلەپچىقىرىشىدا پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى