UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىئورگانىك مولېكۇلىلارنىڭ تۈزۈلۈشى

ئورگانىك مولېكۇلىلارنىڭ تۈزۈلۈشى

خىمىيە بىلىملىرى بۇنىڭدىن100 −200 يىللار ئىلگىرى، ئالىملار خۇسۇسىيەتلىرى تامامەن ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل بىرىكمىلەردە ئوخشاش ساندا ئاتوملار بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ خىمىيە پېنىدىكى تەڭ نىسبەت قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، ھەربىر بىرىكمە مۇقىم تەركىبكە ئىگە بولىدۇ. بىر خىل تەركىب پەقەت بىر خىللا بىرىكمىنى تۈزىدۇ. ئۇنداقتا ئوخشاش بىر خىل ئاتومدىن تۈزۈلگەن بىرىكمىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن خۇسۇسىيىتى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ؟ بۇ مەسىلە خىمىيە ئالىملىرى ئارىسىدا جىددىي مۇنازىرىلەرنى قوزغىغانىدى. ھازىر ئايان بولدىكى، ئورگانىك دۇنيادا دائىم ئىزومېرلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئادەتتە ئىسپىرت دەپ ئاتىلىدىغان ئېتانول بىلەن مېتىل ئېفىرنى ئېلىپ ئېيتساق، ئالدىنقىسى ئۆي تېمپېراتۇرىسىدا سۇيۇق ھالەتتە، كېيىنكىسى گاز ھالەتتە بولىدۇ، بۇ ئىككى خىل بىرىكمىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ مولېكۇلىسىدا2 دانە كاربون ئاتومى،6 دانە ھىدروگېن ئاتومى،1 دانە ئوكسىگېن ئاتومى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىكىش شەكلى ئوخشىمايدۇ. بەزى خىمىيە ئالىملىرى ئورگانىك مولېكۇلا ھەر خىل ئاتوملارنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بىر «بىنا» دىن ئىبارەت، ئاتوملار خۇددى ياغاچ جازا، خىش - كېسەكلەرگە ئوخشاش بولۇپ، ئۇلار مەلۇم تەرتىپ بويىچە تۇتۇشۇپ «بىنا» نى بەلگىلىك شەكىل ۋە ئوبرازغا ئىگە قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا. ئورگانىك مولېكۇلىلارنىڭ خىمىيىۋى تۈزۈلۈشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بىر ئورگانىك بىرىكمىنىڭ بىرقانچە ياكى بىرقانچە يۈزدىن ئارتۇق ئىزومېرلىرى بولۇشى مۇمكىن. ھازىر ئالىملار ماددىلارنى تەتقىق قىلغاندا ئالدى بىلەن تۈزۈلۈشىنى تەتقىق قىلىدۇ. بىرىكمىلەرنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشىنى چۈشەنگەندىلا ئاندىن ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تەتقىق قىلغىلى ياكى بۇ خىل ماددىلارنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ. مۇئەييەن تۈزۈلۈشكە ئاساسەن ئورگانىك ماددىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانى ئورگانىك سىنتېز دەپ ئاتىلىدۇ. بىز بىر خىل ماددىنى باشقا بىر خىل ماددىغا ئايلاندۇرۇش ماھارىتىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن ماددىي دۇنيادا بىر مەيدان ئىنقىلابنى بارلىققا كەلتۈرەلەيمىز. بۈگۈنكى كۈندە بىز تاش، نېفىت، سۇ ۋە ھاۋانى رەخت، تالا قاتارلىقلارغا ئايلاندۇرالايمىز، بۇ بۇنىڭدىن100 −200 يىللار ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى. بۇنىڭدىن150 يىل ئىلگىرى، ئىنسانلار ئۆزلىرىگە كېرەكلىك بوياقلارنى پەقەت جانلىقلاردىنلا ئايرىۋالاتتى، كېيىن كۆمۈر سمولىسى تەركىبىدە بوياقلارنىڭ بارلىقى مەلۇم بولدى. خىمىيە ئالىملىرى شۇنىڭدىن باشلاپ ئورگانىك سىنتېز ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كونا بوياقلاردىن كۆپ ياخشى بولغان خىلمۇخىل يېڭى مەھسۇلاتلارنى سىنتېزلاپ چىقتى. ھازىر بوياق مۇتەخەسسىسلىرى ئېھتىياجغا ئاساسەن، مولېكۇلا تۈزۈلۈشىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يېڭى بوياقلارنى سىنتېزلاپ چىقىپ كونا بوياقلارنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىدىغان بولدى. ئورگانىك يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمىلەرنى سىنتېزلاش ناھايىتى پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە. ھازىر ئىنسانلار پاختىنى بېسىپ چۈشىدىغان تالالارنى، پولاتتىنمۇ قاتتىق بولغان سۇلياۋلارنى، تەبىئىي كاۋچۇكنى بېسىپ چۈشىدىغان سىنتېتىك كاۋچۇكلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولدى. ھازىر ئالىملار ئاقسىل، كراخمال تۈرىدىكى ئوخشىمايدىغان تەبىئىي يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمىلەرنى سىنتېزلاپ چىقىپ، سۈنئىي يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىشىكىنى ئېچىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ مەسىلە پەقەت شۇ ماددىلارنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىنلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى