ساپ ماددىلارنى ئايرىش تېخنىكىسى
خىمىيە بىلىملىرى
تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئارىلاشمىلاردىن ئىبارەت، بىرقەدەر ساپ دەپ قارالغان ماددىلار تەركىبىدىمۇ ئۇنداق ياكى مۇنداق ئارىلاشمىلار بولىدۇ. سۈنئىي سىنتېزلانغان ماددىلارغىمۇ خام ئەشيالارنى ئىشلىتىش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانلىرىدا بەزى ئارىلاشمىلار ئارىلىشىپ قالىدۇ. كېرەكلىك ماددىلارنى كېرەكسىز، زىيانلىق ماددىلاردىن ئايرىۋېلىش ئۈچۈن ئايرىش تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ.
ئايرىش خىزمىتى ئىنتايىن جاپالىق خىزمەت. جىنسىي ھورمونلارنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، بەزىلەر بۇنىڭدىن50 يىل بۇرۇن بىر يېرىم توننا چوشقا ئۇرۇقدىنىدىن ئېكستراكتلاش ۋە قايتا - قايتا ئاجرىتىش ئارقىلىق12 مىللىگرام ئېسترادىئول كرىستالىنى ئايرىپ ئالغان، مانا بۇنىڭ ئۆزىلا بۇ ئىشنىڭ نەقەدەر قىيىنلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئەگەر ئارىلاشما تەكشى بولمىسا، ئۇنى تەركىبلەرگە ئايرىش بىرقەدەر ئاسان بولىدۇ، مەسىلەن، سۇدىكى لاي، قۇملارنى چۆكمىگە چۈشۈرۈش ۋە فىلتىرلاش ئارقىلىق چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ. تەكشى ئارىلاشقان ماددىلارنى ئايرىشتا دىستىللەش، كرىستاللاش، سۇبلىماتسىيىلەش ۋە ئېكستراكتلاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. دىستىللەش ۋە سۇبلىماتسىيىلەش سۇيۇقلۇق ياكى قاتتىق ماددىلارنى قىزدۇرۇپ پارغا ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى ئۇيۇتۇپ ساپ ماددىغا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.
بىر ئىستاكان سۇغا بىرنەچچە تال يود كرىستالىنى سېلىپ ئەينەك تاياقچە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئېرىتسەك، يودنىڭ سۇدىكى سېرىق رەڭلىك ئېرىتمىسى ھاسىل بولىدۇ. ئۇنى سۇيۇقلۇق بۆلگۈچ پەركاغا قۇيۇپ، ئۈستىگە سۇنىڭ ھەجمى بىلەن ئوخشاش بولغان بېنزولنى قۇيساق ئىككى خىل ئېرىتمىنىڭ بىر - بىرىدە ئېرىمىگەنلىكىنى، رەڭسىز بېنزولنىڭ ئۈستىدە، سېرىق رەڭلىك يود ئېرىتمىسىنىڭ ئاستىدا تۇرغانلىقىنى كۆرىمىز. سۇيۇقلۇق بۆلگۈچ پەركانى سىلكىپ ئىككى خىل ئېرىتمىنى تولۇق ئارىلاشتۇرۇپ، ئاندىن تىنچ قويۇپ قويساق، ئۈستىدىكى بېنزولنىڭ سېرىق رەڭگە ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئاستىدىكى سۇنىڭ رەڭسىز ھالەتكە كەلگەنلىكىنى بايقايمىز. يود بېنزولدا سۇدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ئېرىگەچكە، سۇدىكى يود بېنزولغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ خىل ئايرىش ئۇسۇلى ئېكستراكتلاش دەپ ئاتىلىدۇ. ئېكستراكتلاش ئىككى خىل ئېرىتكۈچىنىڭ ئېرىگۈچىنى تالىشىش جېڭىگە ئوخشايدۇ، ئېرىگۈچى ھامان ئاسان ئېرىتەلەيدىغان ئېرىتكۈچىگە تەسلىم بولىدۇ.
بۇلاردىن سىرت خروماتوگرافىيىلىك ئايرىش (رەڭلىك قەۋەت ھاسىل قىلىپ ئايرىش) ئۇسۇلمۇ بولۇپ، ئۇنىڭ پرىنسىپى ئېكستراكتلاش ئۇسۇلىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدا تۇراقلىق فازا (بەزى قاتتىق ماددىلار ۋە قاتتىق ماددىلار يۈزىگە ئاتسوربىتسىيىلەنگەن سۇيۇقلۇق) بىلەن ئېقىشچان فازا (سۇيۇقلۇق ۋە گاز)نىڭ ماددىلارنى تالىشىشىدىن پايدىلىنىپ ئايرىش مەقسىتىگە يېتىلىدۇ. خۇسۇسىيەتلىرى ئۆزئارا ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇن بىرىكمىلەرنى خروماتوگرافىيە ئۇسۇلىدا بىر - بىرىدىن ئايرىۋالغىلى بولىدۇ.