سېمونت
خىمىيە بىلىملىرى
سېمونت بىلەن قۇم - شېغىل، سۇنىڭ ئارىلاشمىسى ھازىرقى زامان بىناكارلىق ئىشلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان بېتون بولۇپ، ھەر خىل قۇرۇلۇشلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.
سېمونتنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغىنى سىلىكاتلىق سېمونتتىن ئىبارەت. سىلىكاتلىق سېمونت ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسلىقى ھاك تېشى ۋە سېغىز توپا خام ئەشيا قىلىنىدۇ. سېمونت زاۋۇتلىرىدا ئالدى بىلەن ھاك تېشى ئۇششاقلىنىپ، ئۇنىڭغا مەلۇم نىسبەتتە سېغىز توپا قوشۇپ ئېزىپ پاراشوك ھالەتكە كەلتۈرۈلۈپ، ئاندىن تېمپېراتۇرىسى ℃1000 تىن يۇقىرى بولغان ئوچاقتا كۆيدۈرۈلسە، ھاك تېشى ئىسسىقلىق تەسىرىدە پارچىلىنىپ كالتسىي ئوكسىدنى ھاسىل قىلىدۇ. كالتسىي ئوكسىد يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا سېغىز توپا بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ كالتسىي سىلىكات بىلەن كالتسىي ئاليۇمىناتنى ھاسىل قىلىدۇ، كۆيۈپ كاللەكلىشىپ كەتكەن بۇ ھاسىلاتلارنى ئېزىپ يۇمشىتىپ، ئۇنىڭغا ئازراق گېپىس توپىسى قوشۇلسا سېمونت تەييار بولىدۇ.
سېمونت تەركىبىدىكى كالتسىي سىلىكات ۋە كالتسىي ئاليۇمىنات سۇ بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ ھىدراتلارنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ خىل ھىدراتلار كېسەك، قۇم - شېغىل، تاشلارنى چاپلاشتۇرۇپ مۇستەھكەم بولغان قاتتىق جىسىمنى ھاسىل قىلىدۇ. سېمونت ھاۋادىكى نەملىكنى سۈمۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن رېئاكسىيىلەشكەنلىكتىن، ئۇنى ئۇزاق ساقلاشقا بولمايدۇ، قىسقا ۋاقىت ساقلىغاندىمۇ ئۇنىڭ نەملىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
سېمونت قاچىلانغان خالتىلارغا بەلگە نومۇرى بېسىلىدۇ، بۇ خىل بەلگە سېمونتنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بەلگە نومۇرىدىكى سان قانچىكى چوڭ بولسا، سېمونتنىڭ سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.200 - نومۇرلۇق سېمونتنىڭ سۈپىتى ناچارراق،600 - نومۇرلۇق سېمونتنىڭ سۈپىتى ياخشىراق بولىدۇ. ھازىر بىر قىسىم دۆلەتلەردە1000 - نومۇرلۇق سېمونت ئىشلەپچىقىرىلماقتا. سېمونت سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ كۆپ ساھەلەردە مېتال ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە، بەزى دۆلەتلەر سېمونتتىن كېمە ياساپ چىقتى، سېمونتتىن سېمونت شارمۇ ياسالدى. يېقىندا رەڭلىك سېمونتمۇ مەيدانغا كەلدى.