ئىئون ئالماشتۇرغۇچىلار
خىمىيە بىلىملىرى
زاۋۇتلاردىكى پار قازان سېخلىرىدا ئادەتتە ئىئون ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ تەركىبىدە كالتسىي، ماگنىي تۇزلىرى كۆپرەك بولغان قاتتىق سۇ يۇمشىتىلىدۇ، بۇنداق قىلغاندا پار قازان ئىچىگە سۇ داشقىلى بەك كۆپ يىغىلىپ قالمايدىغانلىقى ئۈچۈن قازان ئاسانلىقچە پارتلاپ كەتمەيدۇ.
ئىئون ئالماشتۇرۇشتا سۇلفولانغان كۆمۈر دەپ ئاتىلىدىغان ماددا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ دانچىلىرىنىڭ يۈزىدە نۇرغۇنلىغان سۇلفو كىسلاتا رادىكاللىرى بولغاچقا، ئالدى بىلەن ئۇلار ناترىي تۇزىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. سۇ سۇلفولانغان كۆمۈرنىڭ ناترىيلىق تۇزى قاچىلانغان تۇرۇبىدىن ئۆتكەندە، سۇدىكى كالتسىي، ماگنىي ئىئونلىرى ناترىي ئىئونىنى سىقىپ چىقىرىپ تۇز ھاسىل قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئېقىپ چىققان سۇ تەركىبىدە پەقەتلا ناترىي ئىئونىدىن ئىبارەت بىر خىل ئىئون بولغان يۇمشاق سۇغا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ ئۇسۇل ئىئون ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت بولۇپ، سۇلفولانغان كۆمۈر «ئىئون ئالماشتۇرغۇچى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كاتىئونلارنى ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەچكە «كاتىئون ئالماشتۇرغۇچى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇلفولانغان كۆمۈر يۈزىدىكى كالتسىي، ماگنىي ئىئونلىرى توپلىنىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە، ئۇلارنى يۇيۇۋېتىپ «ئەسلىگە كەلتۈرۈش» كە توغرا كېلىدۇ. ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاش تۇزى سۈيى ئۆتكۈزۈلسىلا يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ناترىي ئىئونلىرى كالتسىي، ماگنىي ئىئونلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ - دە، سۇلفولانغان كۆمۈرنى قايتىدىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
سۇلفولانغان كۆمۈر كاتىئون ئالماشتۇرغۇچىلارنىڭ بىر خىلى بولۇپ، نۆۋەتتە تېخىمۇ ياخشى بولغان كاتىئون ئالماشتۇرغۇچى سمولا مەيدانغا كەلدى. يېڭى تىپتىكى كاتىئون ئالماشتۇرغۇچى سىمولا يۇقىرى مولېكۇلىلىق پولىمېرلارغا سۇلفو كىسلاتا رادىكالى ۋە ھىدروكسىل رادىكالىغا ئوخشاش كىسلاتالىق رادىكاللارنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. ئۇنى ناترىي تۇزىغا ئايلاندۇرۇپ، سۇنى يۇمشىتىشتا ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
كۆپلىگەن خىمىيە زاۋۇتلىرى ۋە مەكتەپلەردە ئىشلىتىلىدىغان ساپ سۇلارمۇ «ئىئون ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى» ئارقىلىق تەييارلانغان. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا قىزدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەرمۇ ئاددىي، ئېنېرگىيە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئالدى بىلەن كاتىئون ئالماشتۇرغۇچى سمولا قويۇق تۇز كىسلاتا بىلەن يۇيۇلۇپ، سمولىدىكى كاتىئونلار ھىدروگېن ئىئونىغا ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭدىن تۇرۇبا سۈيى ئۆتكۈزۈلسە، سۇ تەركىبىدىكى مېتال ئىئونى ئورنىغا ھىدروگېن ئىئونلىرى ئالمىشىپ، تەركىبىدە ھىدروگېن ئىئونى بولغان كىسلاتالىق سۇ ئېقىپ چىقىدۇ. بۇ كىسلاتالىق سۇ يەنە «ئانىئون ئالماشتۇرغۇچى سمولا» دىن ئۆتكۈزۈلسە، سۇ تەركىبىدىكى ھەر خىل كىسلاتا قالدۇق ئىئونلىرى بىلەن سمولىدىكى ھىدروكسىل ئىئونلىرى ئورۇن ئالمىشىپ، ھىدروكسىل ئىئونلىرى بىلەن ھىدروگېن ئىئونلىرى بىرىكىپ سۇ مولېكۇلىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئېقىپ چىققان سۇ نېيترال خۇسۇسىيەتلىك ساپ سۇدىن ئىبارەت بولىدۇ.
ئىئون ئالماشتۇرغۇچى سمولا سۇنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە رۇدا تاللاش، سېرەك يەر ئېلېمېنتلىرىنى تازىلاپ ئايرىۋېلىش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.