ئېلېمېنت بەلگىسى
خىمىيە بىلىملىرى
دوستلار ئۇچراشقاندا قول ئېلىشىپ دوستلۇقنى ئىزھار قىلىشىدۇ. مانا بۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىر خىل «بەلگە». ئىنسانلاردا دوستلۇقنى ئىپادىلەيدىغان «بەلگە» بولغىنىغا ئوخشاش، خىمىيىنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بەلگىسى بار، ئۇ خىمىيە دۇنياسىدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىلدىن ئىبارەت. بىز دەسلەپتە خىمىيە بىلەن ئۇچراشقاندا، مەزمۇنلار مۇرەككەپ، ئاتالغۇلار كۆپ بولغانلىقتىن، بەك قىيىن ھېس قىلىمىز. خىمىيىۋى بەلگىنى ئۆگىنىپ، ئۇلاردىكى قانۇنىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۆگەنگەندە خىمىيىنى ئۆگىنىشىمىز ئوڭايلىشىدۇ.
قەدىمكى زامانلاردا، دۇنيادا بىرلىككە كەلگەن خىمىيىۋى بەلگە يوق ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئالخېمىكلارنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزلىرىنىڭ بەلگىلىرى ئارقىلىق ماددىلارنى ئىپادىلەپ كەلگەن. مەسىلەن، ئوتتۇرىسىدا بىر چېكىت بار چەمبەر ئارقىلىق ئالتۇننى، ئوتتۇرىسىدا بىر توغرا سىزىق بولغان چەمبەر ئارقىلىق تۇزنى، ئوتتۇرىسىدا بىر تىك سىزىق بولغان چەمبەر ئارقىلىق سېلترانى، كرېست بەلگىسى ئارقىلىق ئاچچىقسۇ (سىركىنى) ئىپادىلەپ كەلگەن. خىمىيىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بايقالغان ماددىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەنلىكتىن، ئۇلارنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەرمۇ كۆپىيىپ باردى، ھەتتا ئوخشاش بىر خىل ماددىلارنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىلەر نەچچە ئونغا ھەتتا يۈز نەچچىگە يەتتى. بۇ ئەھۋال خىمىيىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالدى.1860
- يىلى دۇنيا بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېمېنتلار بەلگىسى بېكىتىلىپ، ھەرقايسى ئەل ئىلىم - پەن خادىملىرى ئارىسىدا ئورتاق قوللىنىلىدىغان بىرلىككە كەلگەن خىمىيىۋى تىل بارلىققا كەلدى.
بىر ئېلېمېنتنىڭ خىمىيىۋى بەلگىسى ئىنگلىز تىلىدىكى ھەرپلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئىنگلىز تىلىدا جەمئىي26 ھەرپ بار، ئەمما خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار بەلگىسى ھازىر100 دىن ئاشىدۇ. بىراق، ئېلېمېنتلار بەلگىسى بىر ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ھەرپلەردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچى ھەرپى چوڭ، ئىككىنچى ھەرپى كىچىك يېزىلىدۇ.
ئېلېمېنتلار بەلگىسى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ مەنىگە ئىگە: بىرى، ئۇ بىر خىل ئېلېمېنتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئىككىنچىسى، شۇ ئېلېمېنتنىڭ بىر ئاتومىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ؛ ئۈچىنچىسى، شۇ ئېلېمېنتنىڭ بىر مول ئاتومىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. مەسىلەن، خىمىيىۋى بەلگە Ca كالتسىي ئېلېمېنتىغا، بىر دانە كالتسىي ئاتومى ياكى بىر مول كالتسىي ئاتومىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
ئېلېمېنتلارنىڭ خىمىيىۋى بەلگىلىرى شۇ ئېلېمېنتنىڭ لاتىنچە نامىنىڭ باش ھەرپى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. بەزى ئېلېمېنتلارنىڭ لاتىنچە ناملىرىنىڭ باش ھەرپلىرى ئوخشاش بولۇپ قالغاندا، شۇ ھەرپنىڭ يېنىغا شۇ ئېلېمېنتنىڭ لاتىنچە نامىنىڭ ئىككىنچى ھەرپى كىچىك قىلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، تۆمۈرنىڭ بەلگىسىFe يېزىلىدۇ، مىسنىڭ بولسا Cu يېزىلىدۇ. ئەگەر ئېلېمېنتلارنىڭ لاتىنچە ناملىرىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى ھەرپلىرى ئۆزئارا ئوخشاش بولۇپ قالسا، ئۇ ھالدا شۇ ئېلېمېنتنىڭ لاتىنچە نامىنىڭ ئۈچىنچى ھەرپى كىچىك قىلىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن، ئارسېن، كۈمۈش، ئارگوندىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئېلېمېنتنىڭ لاتىنچە ناملىرىنىڭ1 -،2 - ھەرپى ئوخشاشلا «Ar» بولغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ بەلگىلىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا As، Ag، Ar يېزىلىدۇ.