UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىئوكسالات كىسلاتا

ئوكسالات كىسلاتا

خىمىيە بىلىملىرى تۆمۈر قىسقۇچ بىلەن كىيىملەرنى قىسىپ قۇرۇتقاندا كىيىمگە تۆمۈرنىڭ دېتى چىقىپ قالىدۇ، ئۇنى كىر سوپۇنى ياكى پاراشوك سوپۇندا يۇغان بىلەنمۇ چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئوكسالات كىسلاتا سىزگە ياردەم بېرەلەيدۇ. ئوكسالات كىسلاتا ئاق رەڭلىك كرىستال بولۇپ، ئاق شېكەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ. تۆمۈر دېتىنى يۇيۇشتىن بۇرۇن، بىر ئۈلۈش ئوكسالات كىسلاتانى20 ئۈلۈش سۇدا ئېرىتىپ ئېرىتمە تەييارلاپ، ئاندىن ئۇنى كىيىمدىكى تۆمۈر دېتىغا تېمىتىپ ئۇۋۇلاپ يۇسا تۆمۈر دېتى چىقىپ كېتىدۇ. بۇنداق بولۇشى، ئوكسالات كىسلاتانىڭ ئوكسىدسىزلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ تۆمۈر دېتىنى چىقىرىۋېتەلەيدۇ. تۆمۈر دېتىدىكى تۆمۈر ئۈچ ۋالېنتلىق تۆمۈر بولۇپ، ئۇ سۇدا ئېرىمەيدۇ، ئوكسالات كىسلاتا بىلەن ئۇچراشقان ھامان ئوكسىدسىزلىنىپ سۇدا ئېرىيدىغان ئىككى ۋالېنتلىق تۆمۈرگە ئايلىنىدۇ. ئوكسالات كىسلاتا يەنە كۆك سىياھتىكى تۆمۈرنىمۇ چىقىرىۋېتەلەيدۇ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن كىيىمگە كۆك سىياھ تېگىپ كەتسە دەرھال سۈزۈك سۇدا يۇيۇۋەتسەك ئاساسەن چىقىپ كېتىدۇ. لېكىن، ۋاقىت ئۇزارسا ئۇنى چىقىرىۋېتىش بەكمۇ تەس، چۈنكى ئۇنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر (Ⅱ) تاننات دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل بىرىكمە بار، ئۇ ھاۋادىكى ئوكسىگېن بىلەن ئۇچراشقان ھامان ئوكسىدلىنىپ قارا رەڭلىك تۆمۈر تانناتنى ھاسىل قىلىدۇ. تۆمۈر تاننات سۇدا ئېرىمىگەچكە، سۇ بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر تۆمۈر تانناتنى ئوكسالات كىسلاتادا ئوكسىدسىزلاپ كۆمۈر (Ⅱ) تانناتقا ئايلاندۇرۇلسا، ئۇ سۇدا ئېرىپ چىقىپ كېتىدۇ. ئوكسالات كىسلاتا تۆمۈر دېتى، كۆك سىياھ دېغىنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشكە ياردەم بەرسىمۇ، لېكىن ئۇ كىيىملەرنى چىرىتىۋېتىدۇ، شۇنىڭدەك كىيىملەرنىڭ رەڭگىنىمۇ ئۆڭدۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭا، كىيىمدىكى دات، داغلارنى ئوكسالات كىسلاتا ئېرىتمىسىدە يۇيۇشتىن بۇرۇن، كىيىملەرنىڭ ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتمايدىغان، كۆزگە چېلىقمايدىغان جايلىرىنى سىناق تەرىقىسىدە يۇيۇپ رەڭگىنىڭ ئۆچكەن - ئۆچمىگەنلىكىنى كۆزىتىپ بېقىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، سىياھ داغلىرىنى ئوكسالات كىسلاتا بىلەن يۇغاندىن كېيىن سۈزۈك سۇدا بىرنەچچە قېتىم كۆپرەك چايقاپ، ئوكسالات كىسلاتا قالدۇقلىرىنى تولۇق چىقىرىۋېتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
ئوكسالات كىسلاتا | UyghurWiki | UyghurWiki