ئاقسىللارمۇ ئادەمنى زەھەرلەيدۇ
خىمىيە بىلىملىرى
دۇنيادىكى رەڭگارەڭ جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاقسىلدىن تۈزۈلگەن. ئادەمنىڭ قېنى، مۇسكۇلى، ئىچكى ئەزالىرى، ھەتتا تېرىسى، تىرنىقى، چېچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئاقسىل بولىدۇ. ئادەم بەدىنى ھەر كۈنى مەلۇم مىقداردىكى ئاقسىلنى قوبۇل قىلغاندىلا ئاندىن پۈتۈن بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەر نورمال ھەرىكەت قىلالايدۇ، ئاقسىل يېتىشمىسە بەدەن ئاجىزلاپ، كېسەللىك كۆپىيىپ كېتىدۇ، ئاسان قېرىيدۇ ھەتتا ئۆمرى قىسقىرايدۇ.
ئادەملەرنىڭ يېمەكلىكلىرىدىن پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى، ئورۇق گۆش، تۇخۇم، بېلىق، راك قاتارلىقلار تەركىبىدە ئاقسىللار بىرقەدەر كۆپ بولغان ياخشى ئوزۇقلۇق يېمەكلىكلىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئاقسىلنى قانچە كۆپ يېسە شۇنچە ياخشى بولىدۇ دېيىشكە بولمايدۇ. بولۇپمۇ بەزى بىمارلار تەركىبىدە ئاقسىل كۆپ بولغان تاشپاقا، ترىپانكا (دېڭىز ئادەمگىياھى)، قېرى مېكىيان گۆشى قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلسا سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىسىز.1945
- يىلى6 - ئايدا گىتلېرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىغا قامالغان بىر قىسىم كىشىلەر قويۇپ بېرىلىپ، ئۇلار كاتتا زىياپەت بىلەن كۈتۈۋېلىنغان. ئۇلار ئۇزاق ۋاقىت ئاچ - زارلىقنىڭ ئازابىنى تارتقىنى ئۈچۈن، بۇ مول، ئېسىل تائاملارنى كۆرۈپلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئىشتىھا بىلەن تازا يېگەن، نەتىجىدە، نۇرغۇن ئادەملەر ھاياتىدىن ئايرىلغان. بۇنى مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىپ، بۇ ئادەملەر يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يەۋەتكەنلىكتىن «ئاقسىلدا زەھەرلىنىش» يۈز بېرىپ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بايقىغان.
ئەسلىدە ئىنسانلار يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، تېنىدىكى پېپسىن (ئاشقازان ئاقسىل فىرمېنىتى) قاتارلىق ھەزىم قىلىشقا ياردەم بەرگۈچى فىرمېنىتلارنىڭ ياردىمىدە يېمەكلىك تەركىبىدىكى ئاقسىل پارچىلىنىپ ئامىنو كىسلاتالارغا ئايلىنىپ بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ يېڭى توقۇلمىلىق ئاقسىلنى شەكىللەندۈرىدۇ. كونا توقۇلمىلىق ئاقسىللار «ئۆزلۈكىدىن ئورۇن بوشىتىپ»، ئامىنو كىسلاتالارغا پارچىلىنىدۇ. مەيلى قايسى خىلدىكى ئامىنو كىسلاتالار بولسۇن، ئۇلار پارچىلىنىپ بىر قىسىم زەھەرلىك ئاممىياكنى چىقىرىدۇ. ساغلام ئادەملەرنىڭ جىگىرى زەھەرلىك ئاممىياكنى پارچىلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغاچقا، شۇڭا ساغلام ئادەملەر زەھەرلەنمەيدۇ. لېكىن، بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت ئاچ - زار ھالەتتە تۇرغانلار ياكى جىگەر، بۆرەك، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىغان كىشىلەر يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېسە قاندىكى ئاممىياك بەك كۆپىيىپ كېتىپ، جىگەرنىڭ زەھەر قايتۇرۇش ئىقتىدارىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدۇ - دە، زەھەرلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئاممىياك قان بىلەن بىللە مېڭە توقۇلمىلىرىغا كىرسە، مېڭە توقۇلمىلىرىغا ئېنېرگىيە يېتىشمەي پۈتۈن بەدەندە ماددا ئالمىشىش توختايدۇ - دە، يەڭگىل بولغاندا ھوشىدىن كەتسە، ئېغىر بولغاندا ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ.
ئاقسىللار شېكەر ۋە مايغا ئوخشىمايدۇ. ماي بىلەن شېكەر ئادەم بەدىنىدە كۆپىيىپ كەتكەندە، ئۇ زاپاس ساقلىنىپ ئاستا - ئاستا بەدەننى تەمىنلەيدۇ. ئاقسىل بولسا ئۇنداق ئەمەس، ئارتۇقچە ئاقسىللار ئامىنو كىسلاتالارغا، ئاندىن زەھەرلىك ماددىلارغا ئايلىنىپ، بەدەنگە زىيان يەتكۈزىدۇ.