UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىئاكتىپلانغان كۆمۈر

ئاكتىپلانغان كۆمۈر

خىمىيە بىلىملىرى توڭلاتقۇدا ئادەتتە ئادەمنى سەسكەندۈرىدىغان سېسىق پۇراق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا ئاكتىپلانغان كۆمۈر سېلىنغان خالتىنى سېلىپ قويساق پۇراق تېزلا يوقايدۇ. ئاكتىپلانغان كۆمۈر سېسىق پۇراقلارنى يوقىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە زەھەرلىك گازلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە، ئۇ زەھەردىن ساقلىنىش نىقابى ياساشنىڭ مۇھىم ماتېرىيالى. زەھەردىن ساقلىنىش نىقابىدا خۇددى پىلنىڭ خارتۇمىغا ئوخشايدىغان سۇلياۋ نەيچە بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئاخىرقى ئۇچى ياپىلاق قۇتىغا ئۇلانغان، قۇتىغا قاچىلانغىنى ئاكتىپلانغان كۆمۈردىن ئىبارەت. ئاكتىپلانغان كۆمۈر يەنە سۇنىمۇ تازىلىيالايدۇ. ئەگەر بىر بوتۇلكا رەڭلىنىپ كەتكەن پاسكىنا سۇغا ئاكتىپلانغان كۆمۈر سالساق، كۆمۈر پىگمېنتلارنى «تۇتۇۋالىدۇ»؛ ئەگەر سۇغا پاسكىنا نەرسە ئارىلىشىپ قالغان بولسا، بۇ سۇنى ئاكتىپلانغان كۆمۈر قاچىلانغان شلانكىدىن ئۆتكۈزسەك، سۇ پاكىزلىنىدۇ. ئاكتىپلانغان كۆمۈر نېمە ئۈچۈن ھەر خىل ئارىلاشمىلارنى «تۇتۇپ قېلىش» ئىقتىدارىغا ئىگە؟ ئەسلىدە، ئاكتىپلانغان كۆمۈر ئىنتايىن ئۇششاق كۆمۈر دانچىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، خىمىيە ئالىملىرىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇنىڭ يۈزى ناھايىتى چوڭ. بۇنداق ئىنتايىن ئۇششاق كۆمۈر دانچىلىرىدا تېخىمۇ كىچىك كاۋاكچىلار بولىدۇ، خىمىيە ئالىملىرى ئۇنى كاپىلليار نەيچە دەپ ئاتىغان. بۇ خىل كاپىلليار نەيچىلەر ناھايىتى كۈچلۈك سۈمۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. كۆمۈرنىڭ سىرتقى يۈزى ناھايىتى چوڭ بولغانلىقتىن، ئارىلاشمىلار بىلەن تولۇق ئۇچرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە. ئارىلاشمىلار كاپىلليار نەيچىلەرگە تەگكەن ھامان، نەيچە ئۇلارنى سۈمۈرۈپ تۇتۇپ قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى