ھىدروگېن
خىمىيە بىلىملىرى
ئاپتوموبىل، ئايروپىلان قاتارلىق زامانىۋى قاتناش قوراللىرى بېنزىننى يېقىلغۇ قىلىدۇ. لېكىن، بېنزىن ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېللاردا تولۇق كۆيمەيدۇ، شۇنداقلا كۆيگەندىن كېيىن زىيانلىق كېرەكسىز گازلارنى ھاسىل قىلىپ، ئاتموسفېرانى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغايدۇ. ئالىملار ئۇزاق مۇددەت تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھىدروگېننى كۆڭۈلدىكىدەك ئەڭ ياخشى يېقىلغۇ دەپ قارىماقتا.
سۇ ھىدروگېننىڭ «ئامبىرى»، سۇنى ئېلېكترولىزلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېننى ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەگەر ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېننى قايتىدىن ئارىلاشتۇرۇپ كۆيدۈرسە ℃3000 لۇق تېمپېراتۇرا ھاسىل بولىدۇ. ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېن كۆيگەندە ھاسىل بولغان سۇ ئىنسانلار ۋە مۇھىتنى بۇلغىمايدۇ، شۇڭا ھىدروگېن ئەڭ پاكىز يېقىلغۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ھىدروگېن يەنە ئىسسىقلىق ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغان يېقىلغۇ، ئۇنى بېنزىنغا سېلىشتۇرغاندا، ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ھىدروگېن كۆيگەندە ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ئەڭ كۆپ، شۇنىڭدەك ھىدروگېننىڭ ھاۋادا كۆيۈش تېزلىكى بېنزىنغا قارىغاندا10 ھەسسىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىشتىكى ئەڭ زور قىيىنچىلىق ئۇنى ساقلاشنىڭ قىيىن بولغانلىقىدا. ھىدروگېن نۆلدىن تۆۋەن ℃ 259 تىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئاندىن قاتتىق ھالەتكە ئۆزگىرىدۇ. سۇيۇق ھالەتتىكى ھىدروگېننى نۆلدىن تۆۋەن ℃253 تا ساقلاش لازىم. تېمپېراتۇرا سەللا ئۆرلىسىلا قايناپ كېتىدۇ، نۆلدىن تۆۋەن ℃239.9 قا كەلگەندە سۇيۇق ھالەتتىكى ھىدروگېن ناھايىتى ئاسانلا ئۇچۇپ كېتىدۇ ۋە گازغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ئالىملار ھىدروگېننى ساقلاشنىڭ كۆپلىگەن ئۇسۇللىرىنى ئويلاپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئاپتوموبىل، ئايروپىلانلارنىڭ يېقىلغۇسىغا ئايلاندۇرۇشتا يەنىلا كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلار ساقلانماقتا.
ئالىملار يەنە ئادەتتىكى ھىدروگېندىن تېخىمۇ ياخشى بولغان يېقىلغۇ ئۈستىدىمۇ ئويلاشماقتا. ئۇ ھىدروگېن بىلەن قوشكېزەك بولغان − ئېغىر ھىدروگېندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئىلمىي نامى دېيتېرىي. سۇنى ئېلېكترولىزلاش ئارقىلىق ئايرىۋېلىنغان ھىدروگېننىڭ ئون مىڭدىن ئىككى ئۈلۈشىنى دېيتېرىي ئىگىلەيدۇ. ھەر50 توننا سۇنى ئېلېكترولىزلاپ5 توننا ھىدروگېن ھاسىل قىلىشقىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭدا پەقەت1 كىلوگراملا دېيتېرىي بولۇپ، ئۇ يادرو رېئاكسىيىسىگە كىرىشكەندە180 مىليون كىلوۋات ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدۇ، بۇ10 كىلوگرام ئۇران ياكى20 مىڭ توننا كۆمۈر كۆيگەندە ھاسىل بولغان ئېنېرگىيىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئەگەر سۈنئىي ئۇسۇلدا دېيتېرىينىڭ يادرو رېئاكسىيىسىنى كونترول قىلىشقا بولسا، ئۇ ھالدا دېيتېرىي ئىشلىتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان، مەڭگۈلۈك ئېنېرگىيە مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.