كامفورا كۇمىلىچى
خىمىيە بىلىملىرى
كامفورا كۇمىلىچى يۇڭ كىيىملەرنىڭ «ساقچىسى». كىيىن ئىشكاپلىرىدا ئادەتتە كۈيە قاتارلىق قۇرتلار بولىدۇ، ئۇلار مەخسۇس قوي يۇڭىدىن ئىشلەنگەن كىيىملەرنى يەپ، كىيىملەردە نۇرغۇن تۆشۈكچىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن، بۇ قۇرتلار كامفورا پارىدىن بەك قورقىدۇ، شۇڭا كىشىلەر كامفورا كۇمىلىچىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قوغلايدۇ.
كامفورا تەبىئىي مەھسۇلات بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى چەكلىك بولغانلىقى، شۇنداقلا سانائەتتە خام ماتېرىيال قىلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ. ھازىر بازارلاردا سېتىلىۋاتقان «كامفورا كومىلىچى» ئەمەلىيەتتە كامفورادىن ئىشلەنگەن ئەمەس، شۇڭا بەزىلەر ئۇنى «نافتالىن» دەپمۇ ئاتايدۇ. نافتالىن كوكۇس مېيىدىن ئايرىپ ئېلىنىدۇ، ئۇمۇ قۇرت - قوڭغۇزنى قوغلاپ، كۈيە چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. نافتالىنمۇ خۇددى كامفوراغا ئوخشاشلا ئاسان پارلىنىدۇ، شۇڭا ئىشكاپلاردا ئۇزاق قويۇلسا «ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ». سۈنئىي تالالىق كىيىملەرگە كامفورا سېلىشقا بولمايدۇ.