ئاتوم
خىمىيە بىلىملىرى
بىر تال قۇم شېكەر دانچىسىنى مەيلى ئىككىگە، تۆتكە ياكى نۇرغۇن پارچىغا بۆلەيلى ئۇ يەنىلا شېكەر. شېكەر دانچىسى كۆپ قېتىم بۆلگەنسېرى كىچىكلەپ بارسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تاتلىق بولىدۇ، باشقا خۇسۇسىيەتلىرىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. ئەگەر ئۈزلۈكسىز بۆلۈۋەرسەك قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭدا بىر چەك بارمۇ - يوق؟ بۇ بىر كونا چىگىش مەسىلە، بۇ ھەقتە قەدىمكى گرېتسىيە ۋە قەدىمكى جۇڭگودا ئىككى خىل ئوخشىمىغان قاراشتىكى مۇنازىرە بولغان. بىر خىل قاراشتىكىلەر ماددىلارنى چەكسىز بۆلۈشكە بولىدۇ دېسە، يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە قاراشتا بولغان. ئىككى خىل قاراشتىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىر - بىرىنى قايىل قىلالمىغان.2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ئالىملارنىڭ مولېكۇلا ۋە ئاتوم ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى بىلەن بۇ مەسىلە مەلۇم دەرىجىدە ھەل بولدى، بىر تال قۇم شېكەر دانچىسىنى ئۈزلۈكسىز پارچىلاپ مەلۇم چەككە يەتكەندە، ئۇنى يەنە پارچىلاشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ. ئەگەر يەنە داۋاملىق پارچىلاۋەرسەك ئېرىشكىنىمىز شېكەر بولماي قالىدۇ، مانا بۇ چەك مولېكۇلىدىن ئىبارەت. ئەگەر مولېكۇلىنى يەنە بۆلسەك ئاتوم ھاسىل بولىدۇ. ئاتومدا ماددىدا بولغان خۇسۇسىيەت بولمايدۇ.
ئەگەر بىر دانە سۇ مولېكۇلىسىنى يەنە ئاجراتساق ئاتوم دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ، ئوخشاش بولغان ئىككى دانە كىچىك ئاتوم ھىدروگېن ئاتوملىرى بولسا، بىر دانە چوڭ ئاتوم ئوكسىگېن ئاتومىدىن ئىبارەت. بىر سۇ مولېكۇلىسى ئىككى دانە ھىدروگېن ئاتومى بىلەن بىر دانە ئوكسىگېن ئاتومىنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان. ئوكسىگېن ئاتومى بىلەن ھىدروگېن ئاتومى سۇ مولېكۇلىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ كىچىك بولغان زەررىچىلەردۇر.
دۇنيادىكى ماددىلارنىڭ سانى نەچچە مىليون خىلدىن ئارتۇق بولۇپ، مولېكۇلىلارنىڭ سانىمۇ نەچچە مىليون خىلدىن ئاشىدۇ. لېكىن، ھەر خىل مولېكۇلىلارنى تۈزگۈچى ئاتوملارنىڭ تۈرى ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ماددىلار ئون نەچچە خىل ئاساسلىق ئاتوملاردىن تۈزۈلىدۇ. مەسىلەن، سۇ مولېكۇلىسىدا ئوكسىگېن ئاتومى بولىدۇ، ھاۋادىكى ئوكسىگېن مولېكۇلىسىنىڭ تەركىبىدە ئوكسىگېن ئاتومى بولىدۇ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد مولېكۇلىسى تەركىبىدىمۇ ئوكسىگېن ئاتومى بولىدۇ. ئوكسىگېن ئاتومى باشقا ئاتوملار بىلەن بىرىكىپ ئوخشىمىغان مولېكۇلىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بىز سۇ، ئوكسىگېن گازى، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، شۇنىڭدەك باشقا بارلىق ماددىلار تەركىبىدىكى ئوكسىگېن مولېكۇلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئوكسىگېن ئېلېمېنتى دەپ ئاتايمىز. دۇنيادىكى نەچچە مىليون خىل ماددىلارنىڭ مولېكۇلىلىرى100 نەچچە خىل ئېلېمېنتلاردىن، ئاساسلىقى ئون نەچچە خىل ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەن. ئاتوم ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلايدىغان ئەڭ كىچىك زەررىچە، شۇنىڭدەك خىمىيىۋى ئۆزگىرىشتىكى ئەڭ كىچىك زەررىچىدىن ئىبارەت.