كرىستاللىق تۈزۈلۈش
خىمىيە بىلىملىرى
مېتاللار دۇنياسىدىكى ھەربىر مېتالنىڭ ئۆزىگە خاس «مىجەزى» بولىدۇ. ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، قەلەي، ئاليۇمىن قاتارلىق مېتاللار شەكلىنى ئاسان ئۆزگەرتكەچكە، ئۇلارنى بېسىپ ياپىلاقلاشقا، سوزۇپ ئۇزارتىشقا بولىدۇ. خروم، ۋولفرام، ۋانادىي، تانتال قاتارلىق مېتاللار ئىنتايىن قاتتىق بولۇپ، ئاسانلىقچە شەكىل ئۆزگەرتمەيدۇ. مېتاللارنىڭ مۇنداق «مىجەز»گە ئىگە بولۇشى ئۇلارنىڭ كرىستاللىق تۈزۈلۈشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.
تۆۋەندە سەرەڭگە قېپى ئىچىگە كىچىك شارچىلارنى جايلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق مېتاللارنىڭ كرىستاللىق تۈزۈلۈشى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى. بىر دانە قۇرۇق سەرەڭگە قېپىنىڭ ئىچىگە بىر قەۋەت شارچە جايلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىككىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى قەۋەت شارچىلارنى ئورۇنلاشتۇرايلى. بىز بىرىنچى قەۋەتنى A قەۋەت، ئىككىنچى قەۋەتنى B قەۋەت دەپ ئاتايلى. ئەگەر ئۈچىنچى قەۋەتتىكى شارچىلارنى بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئۈستىگە قويساق، ئۇ ھالدا بۇ يەنە بىر خىل A قەۋەت بولىدۇ؛ تۆتىنچى قەۋەتتىكى شارچىلارنى بىۋاسىتە B قەۋەتتىكى شارچىلارنىڭ ئۈستىگە قويساق، ئۇ ھالدا بۇ يەنە بىر خىل B قەۋەت بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ...... ABAB كرىستاللىق تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلالايمىز. ئەمدى باشقىچە ئۇسۇلدا جايلاشتۇرۇپ باقايلى. A قەۋەت بىلەن B قەۋەتنى ئالدىدىكىگە ئوخشاش قىلىپ، پەقەت ئۈچىنچى قەۋەتنى C قەۋەت قىلىپ، شارچىلارنى A قەۋەتنىڭ ئۈستىگە قويمىساق تۆتىنچى قەۋەت A قەۋەتنىڭ ئۈستىدە بولۇپ، بەشىنچى قەۋەت B قەۋەت، ئالتىنچى قەۋەت C قەۋەت بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ...... ABCABCAB كرىستاللىق تۈزۈلۈش ھاسىل بولىدۇ. بۇ ئىككى خىل كرىستاللىق تۈزۈلۈشنىڭ مودېلىدىن، ئۇلارنى سەللا مىدىرلاتساق ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى شارچىلارنىڭ ئاسانلا چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىنى بايقاشقا بولىدۇ. بۇنداق كرىستاللىق تۈزۈلۈشكە ئىگە مېتاللار ئاسانلا شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ.
ئەگەر بىز بىرىنچى قەۋەتنىڭ ئۈستىگە تۈپتۈز قىلىپ ئىككىنچى قەۋەتتىكى شارچىلارنى قويۇپ ئوڭ، سول ۋە ئاستى، ئۈستىدىكى تۆت دانە شارچىنى ئېلىۋەتسەك كۆپ شەكىل ھاسىل بولىدۇ ھەمدە تۆت دانە شارچىلارنىڭ ئارىسىغا بىر دانە شارچىنى جايلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلغان كرىستاللىق تۈزۈلۈش قاتتىق مېتاللارنىڭ تۈزۈلۈش مودېلىدىن ئىبارەت. ئەگەر بىز ئىككى خىل ئوخشىمىغان مېتالنى ئارىلاشتۇرۇپ «قېتىشما» ھاسىل قىلساق، ئۇ ئىككى خىل مېتالنىڭ ھەرقاندىقىدىن قاتتىق بولىدۇ. بىز ئادەتتە ھەر كۈنى ئىشلىتىدىغان تەڭگە پۇل ئاليۇمىن - ماگنىي قېتىشمىسىدىن ئىبارەت.
بىر قىسىم ۋىنتا ياكى چىشلىق چاقنىڭ چىشلىرى ئەسلىدىكى پولاتتىنمۇ قاتتىق ھەم چىداملىق بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىشلىتىلىشتىن ئىلگىرى تەركىبىدە ئازوت بولغان گازدا قىزدۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، بۇ ئازوتلاش (ئازوت سىڭدۈرۈش) دېيىلىدۇ. بۇنىڭدا تۆمۈر كرىستالىنىڭ كاۋاكچىلىرىغا بىردىن ئازوت ئاتومى جايلىشىپ ھەممە قەۋىتى ئوخشاشلا بولىدۇ. بۇنداق بىر تەرەپ قىلىشتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ۋىنتا ياكى چىشلىق چاق چىشلىرى قاتتىقلىشىپ، كۈچلۈك چىرىتىشكە چىداملىق بولىدۇ.
مېتاللاردىن باشقا ئاش تۇزى، گېپىس، ناترىي ھىدروكاربونات، كالىي ھىدروكسىد، ناترىي سىتېئارات قاتارلىق مىليونلىغان ماددىلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم تۈزۈلۈشكە ئىگە بولىدۇ. ناترىي خلورىدنىڭ كرىستاللىق تۈزۈلۈش مودېلىدا، بىز ئوخشىمىغان ئىككى خىل رەڭدىكى شارچىلارنى سەرەڭگە قېپى ئىچىگە كۋادرات شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قىزىل ۋە ئاق شارچىلارنى كىرىشتۈرۈپ جايلاشتۇرساق، ئۇ خۇددى خەلقئارالىق شاھمات تاختىسىدەك شەكىلگە كېلىدۇ. ئىككىنچى قەۋەتتىكى شارچىنىڭ رەڭگى بىلەن بىرىنچى قەۋەتتىكىنىڭ «ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ»، قىزىل شارچىنى ئاق شارچىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، ئۈچىنچى قەۋەتنى يەنە كىرىشتۈرۈپ قويساق ناترىي خلورىدنىڭ تەقلىدىي كرىستاللىق تۈزۈلۈشى شەكىللىنىدۇ. قىزىل شارچىلار مۇسبەت زەرەتلىك ناترىي ئىئونىغا، ئاق شارچىلار مەنپىي زەرەتلىك خلور ئىئونىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.