ئېتىل خلورىد
خىمىيە بىلىملىرى
جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يارىلىنىپ يىقىلىپ دومىلاپ يۈرگىنىنى، دوختورنىڭ جاراھەت ئېغىزىغا دورا پۈركۈگىنىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. بۇنداق ئەھۋالدا تەنھەرىكەتچىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
دوختۇر ئىشلەتكىنى قانداق دورا، ئۇ جاراھەتنى شۇنچە تېز داۋالىيالامدۇ؟
بۇ، پۇتبول مەيدانىدىكى «خىمىيە دوختۇر» نىڭ تۆھپىسى، ئۇنىڭ نامى ئېتىل خلورىد بولۇپ، ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا گاز ھالەتتە بولىدىغان بىر خىل ئورگانىك ماددا. ئۇ بەلگىلىك بېسىمدا سۇيۇقلۇققا ئايلىنىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر بىر - بىرىگە سوقۇلۇپ كەتكەندە بەزى يۇمشاق توقۇلمىلار زەخىملىنىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا دوختۇرلار ئېتىل خلورىد سۇيۇقلۇقىنى ئەنە شۇ زەخىملەنگەن ئورۇنغا پۈركۈسىلا، ئېتىل خلورىد ئىسسىق تېرە بىلەن ئۇچرىشىپ دەرھال قاينايدۇ، ئۇ ناھايىتى تېز قاينىغىنى ئۈچۈن سۇيۇقلۇق دەرھال گازغا ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېرىدىكى ئىسسىقلىقنى «ئېلىپ» كەتكەچكە، يارىلانغان تېرە خۇددى توڭلىتىپ قويۇلغاندەك ھالەتكە كېلىپ سېزىمىنى ۋاقىتلىق يوقىتىدۇ - دە، ئاغرىق سېزىمىمۇ يوقايدۇ. بۇنداق قىسمەن دائىرىلىك مۇزلاش سەۋەبلىك تېرە ئاستىدىكى قىلدام قان تومۇرلار قىسقىراپ قان توختىغاچقا، يارىلانغان ئورۇندا كۆپ قان چىقىش ياكى سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ. بەدەننىڭ مەلۇم بىر جايىنىڭ سېزىمىنى يوقىتىشقا بولىدىغان، ئەمما باشقا جاينىڭ سېزىمىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغان بۇنداق ناركوز قىلىش ئۇسۇلى قىسمەن دائىرىلىك ناركوز قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. پۇتبول مەيدانىدىكى «خىمىيە دوختۇر» ئەنە شۇنداق قىسمەن دائىرىلىك ناركوز قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يارىلانغان تەنھەرىكەتچىلەرنى ئاغرىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ.
بۇ خىل دورا پەقەت ئادەتتىكى مۇسكۇل زەخىملىنىش، پۇت - قول قايرىلىش قاتارلىقلارنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، داۋالاش رولىنى ئوينىيالمايدۇ. ئەگەر مۇسابىقە جەريانىدا ئۇستىخان سۇنۇش، ئىچكى ئەزالار زىيان - زەخمەتكە ئۇچراش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە بۇ خىل دورا ھېچقانداق ئامال قىلالمايدۇ.