UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىسۇلياۋ ماگنىت

سۇلياۋ ماگنىت

خىمىيە بىلىملىرى كىشىلەر بىر پارچە ماگنىتنىڭ مىخ، يىڭنە قاتارلىق تۆمۈر بۇيۇملارنى ئۆزىگە تارتقانلىقىنى كۆرگەندە ھەيران قالمىسىمۇ، لېكىن سۇلياۋنىڭمۇ تۆمۈر بۇيۇملارنى ئۆزىگە تارتقانلىقىنى كۆرسە چوقۇم ھەيران قالىدۇ. ئامېرىكىلىق ئالىملار مېتال ماگنىتنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان پولىمېرلارنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا، دۇنيادا تۇنجى بولغان سۇلياۋ «ماگنىت» نى ياساپ چىقتى. بۇ ھەقىقىي ئورگانىك ماگنىتلىق جىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ تەركىبىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىدىن كۆپرەكىنى كاربون بىلەن ھىدروگېن ئىگىلەيدۇ، ئورگانىك ئېرىتكۈچىدە ئېرىيدۇ. ئورگانىك ماتېرىيال ئۆتە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. بۇ ماتېرىيال تولۇق ماگنىتلانسا، ئۇنىڭ ماگنىتلىق كۈچى تۆمۈر ماگنىت بىلەن ئاساسەن ئوخشاش بولىدۇ. بۇ خىل سۇلياۋنىڭ ئۆتە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت پەيدا قىلالىشىدىكى سەۋەب، ئۆتە تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئېلېكترونلارنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش يۆنىلىشىنىڭ بىردەك بولىدىغانلىقىدا. پېرروتسېن بىلەن تېترا سئانو ئېتىلېندىن ئىبارەت خۇسۇسىيەتلىرى ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مولېكۇلىدىن ياسالغان كرىستال ھالەتتىكى ماگنىتلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماددىنى ئالساق، پېرروتسېن مولېكۇلىسى بىر ئېلېكتروننى تېترا سىئانو ئېتىلېن مولېكۇلىسىغا بېرىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەربىر گۇرۇپپىدا جۈپ تۈزمىگەن بىردىن ئېلېكترون بولىدۇ. ئۇ تۆمۈر ئاتومىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى جۈپ تۈزمىگەن ئېلېكترونلارنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولغاندا ئاسانلا ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت ئىپادىلەيدۇ. نۆۋەتتە، ئالىملار ئورگانىك ماگنىتلىق ماددىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەگەر تۈزۈلۈشىدە ھېچقانداق مېتال ئاتومى بولمىغان سۇلياۋ «ماگنىت» نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىشقا بولىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ، ئۇ فىزىكا ئالىملىرىنىڭ تۆمۈر ماگنىتى بىلەن ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك خۇسۇسىيەت ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ. ياكى ئۇنى ئۆي تېمپېراتۇرىسى شارائىتىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلغىلى بولسا، خروم(Ⅳ) ئوكسىدنىڭ ئورنىدا ماگنىتلىق لېنتىنىڭ يۈزىگە سۈرتۈلىدىغان ماتېرىيال بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشماقتا.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى