UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىئالتۇن قېتىشمىلىرى

ئالتۇن قېتىشمىلىرى

خىمىيە بىلىملىرى ئالتۇن ئەڭ ياخشى سوزۇلۇشچانلىققا ئىگە مېتال،1 گرام ئالتۇننى سوزۇپ4000 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىنچىكە سىمغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. ئەگەر300 گرام ئالتۇننى ئىنچىكە سوزۇشقا توغرا كەلسە، نەنجىڭدىن چىقىپ تۆمۈريولنى بويلاپ بېيجىڭغا يەتكۈچە سوزغىلى بولىدۇ.1 توننا ئالتۇننى ئىنچىكە سوزۇشقا توغرا كەلسە، يەر شارىدىن ئايغا بەش قېتىم چىقىپ چۈشكىچىلىك ئۇزۇنلۇقتا سوزغىلى بولىدۇ. ئالتۇننى ياپىلاقلاپ قېلىنلىقى500 مىڭدىن1 سانتىمېتىر كېلىدىغان قىلىپ قەغەزدىنمۇ نېپىز ياپراقچىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بۇنداق نېپىز ياپراقچە كۆرۈنۈشتە سۈزۈك دېگۈدەك بولۇپ، يېشىل ياكى كۆك رەڭلىك بولىدۇ. نېپىزلەپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ئالتۇن ئىسسىقلىقنى ئۆتكۈزمەي نۇرنى ئۆتكۈزىدۇ، شۇڭلاشقا ئالتۇندىن ئىشلەنگەن يۇپقا پەردىنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ يۈز نىقابىدا ئىسسىقلىق توسۇغۇچى ماددا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئالتۇندىن ئىشلەنگەن يۇپقا پەردىلەردىن پايدىلىنىپ قىش پەسلىدە قۇياش رادىئاتسىيىسىدىكى ئىسسىق نۇرلارنى ئۆي ئىچىگە چۈشۈرۈپ، ئۆي ئىچىنى ئىسسىتىشقا بولىدۇ؛ ياز پەسلىدە دېرىزىلەرنىڭ سىرتىغا بىر قەۋەت ئالتۇن بىلەن ھەللەنگەن پەردە چاپلاپ قويۇلسا، قۇياش نۇرىدىن كەلگەن ئىسسىق قايتىپ، ئۆي ئىچى سالقىن بولىدۇ. ئالتۇن گەرچە يۇقىرىقىدەك كۆپلىگەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كەمچىلىكلىرىمۇ ئاز ئەمەس. مەسىلەن، ئۇ ئىنتايىن يۇمشاق، باھاسى يۇقىرى، رەڭگى بىر خىل. ئەگەر ئالتۇنغا باشقا مېتاللارنى قوشۇپ قېتىشما تەييارلانسا بۇ كەمچىلىكلىرىنى تولۇقلاشقا بولۇپلا قالماي، يەنە خۇسۇسىيىتىنىمۇ ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ھازىر ئالتۇن قېتىشمىلىرى راكېتا، ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ئايروپىلان، ئاتوم رېئاكتورلىرى ۋە يۇقىرى ئالەم قاتنىشى قاتارلىق سانائەتلەردە كەڭ قوللىنىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ئالتۇن قېتىشمىسىدىن ئىشلەنگەن ئالتۇن تەڭگە، ئالتۇندىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇملىرى كىشىلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشمەكتە. بىز ئادەتتە كۆرۈپ كېلىۋاتقان 22K، 18K لىق زىننەت بۇيۇملىرى تەركىبىدە ئوخشىمىغان مىقداردا ئالتۇن قېتىشمىسى بولىدۇ. ئالتۇندىن ياسالغان قېتىشمىلار سېرىق، قىزىل، ئەتىرگۈل رەڭگى، كۈل رەڭ، يېشىل رەڭدىن تارتىپ ئاق رەڭگىچە بولىدۇ. يېشىل رەڭلىك ئالتۇن قېتىشمىسى تەركىبىدە %75 ئالتۇن، %16.6 كۈمۈش ۋە %8.4 كادمىي بولىدۇ. ئالتۇن بىلەن مىستىن ھاسىل قىلىنغان قېتىشما قىزىل مىس دېيىلىدۇ. ئالتۇن بىلەن كۈمۈشتىن ھاسىل قىلىنغان قېتىشما قىزىل كۈمۈش دېيىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل قېتىشما تۇز ئېرىتمىسى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنسا بىنەپشە ياكى كۆكۈچ قارامتۇل رەڭگە كىرىدۇ. يەر پوستىدا ئالتۇن مىقدارى ئانچە ئاز ئەمەس، مۆلچەرلىنىشىچە، ئالتۇن يەر پوستىدا تەخمىنەن10 مىلياردتىن5 قىسىمنى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن ئالتۇن تارقاق بولغاچقا ھەممە يەردە ئۇنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا قۇياش ئەتراپىدىكى ئىنتايىن قىزىق پار تەركىبىدە، مېتېئورىت تەركىبىدىمۇ ئالتۇن بار، ئاسماندا «ئالتۇنغا تولۇپ كەتكەن» يۇلتۇزلار بار. دېڭىز - ئوكيانلاردىكى ئالتۇن مىقدارى ئىنتايىن مول بولۇپ، ئۇلار «چوڭ ئالتۇن ئامبىرى» دىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى