پىشۇرۇلغان راك ۋە قىسقۇچپاقا نېمە ئۈچۈن قىزىل بولىدۇ
خىمىيە بىلىملىرى
راك ۋە قىسقۇچپاقا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن نېمىشقا قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ؟ بۇ مەسىلە خىمىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەسلىدە پىشۇرۇلغان راك ۋە قىسقۇچپاقا قېپىدا قىزىل رەڭلىك بىر خىل پىگمېنت بولىدۇ. ئەگەر راك ۋە قىسقۇچپاقىنىڭ قىزىل رەڭلىك قېپى ئاتسېتون دەپ ئاتىلىدىغان خىمىيىۋى ماددىغا چىلاپ قويۇلسا ئۇلارنىڭ قېپىنىڭ رەڭگى سۇسلاپ، ئاتسېتون قىزىل رەڭگە كىرىدۇ. كېيىن ،كىشىلەر بۇرۇتلۇق چوڭ راك تۇخۇمىدىن بۇ خىل پىگمېنتنى ئايرىپ ئېلىپ، ئۇنى ئاستاكسانتىن دەپ ئاتىدى.
تېنىدە ئاستاكسانتىن بولىدىغان ھايۋانلار پەقەت راك، قىسقۇچپاقىلا ئەمەس، نۇرغۇن قاسىراقلىق ھايۋانلارمۇ ئاستاكسانتىن ئارقىلىق ئۆزىنى بېزەيدۇ. بىر قىسىم كىچىكرەك قاسىراقلىق ھايۋانلارنىڭ تېنىدە ئاساسلىقى ئاستاكسانتىن بولىدۇ، يەنە بىر قىسىم قىسقۇچپاقا تۈرىدىكىلەرنىڭ تېنىدە قىزىل پىگمېنت بولىدۇ. بۇ خىل پىگمېنتلار، جۈملىدىن ئاستاكسانتىنلارنىڭ ھەممىسى كاروتېننىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۈزۈلۈشكە ئىگە بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىغا كۆپ مىقداردا كەڭ تارقالغان. ئۇلارنىڭ خىمىيىۋى نامى ئاتسېتون تۈرىدىكى كاروتېن بولۇپ، قاسىراقلىق ھايۋانلار تېنىدىكى پىگمېنتلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ھېسابلىنىدۇ.
تىرىك قاسىراقلىق ھايۋانلارنىڭ بەدەن رەڭگى ئۇلارنىڭ تۈرى ۋە شارائىتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ بىر - بىرىدىن پەرقلىنىدۇ، لېكىن ئۇلار قايسى تۈردىكى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر فورمالدېھىدقا سېلىنسا ياكى قىزدۇرۇلسا ھەممىسىلا قىزىرىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، قىزدۇرغاندا بۇ جانلىقلار تېنىدىكى پىگمېنت ئاقسىلىدا سۈپەت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ، ئەسلىدىكى ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ تۇرغان پىگمېنت ئاجرىلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ بىلەن قىزىل رەڭ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆلگەن راك ۋە قىسقۇچپاقا تېنىدىكى ئاقسىلدا سۈپەت ئۆزگىرىشى يۈز بېرىپ پىگمېنت ئاجرىلىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ قاسىرىقى قىزىرىدۇ.