كىر يۇغاندا سۇ تېجەش توغرىسىدا ئىلمىي چۈشەنچە
خىمىيە بىلىملىرى
بەزى كىشىلەر كىر يۇغاندا سۇنى قانچە كۆپ ئىشلەتسە يۇيۇلغان كىيىملەر شۇنچە پاكىز بولىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. كىر يۇغاندا ئەڭ ياخشىسى ئازراق سۇدا يۇيۇپ كۆپرەك چايقىسا ئاندىن پاكىز بولىدۇ. بۇ، خىمىيىدىكى تەقسىملىنىش قانۇنىنىڭ كۆرسەتمىسى.
مەسىلەن ئالايلۇق، بىر قۇر ھۆل كىيىمدە1 كىلوگرام سۇ بار، ئۇنىڭ20 گرامى سوپۇن دېسەك، ئەگەر ئۇنى4 كىلوگرام سۇ بىلەن بىر قېتىم چايقاپ،5 .0 كىلوگرام سۇ قالغۇچە سىقساق ھۆل كىيىمدە يەنە2 گرام سوپۇن قېپقالىدۇ. ئەگەر ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، ئالدى بىلەن ھۆل كىيىمنى5 .0 كىلوگرام سۇ قالغۇچە سىقىپ، ئاندىن2 كىلوگرام سۇ بىلەن چايقاپ،5 .0 كىلوگرام سۇ قالغۇچە سىقىپ، يەنە2 كىلوگرام سۇدا قايتا بىر قېتىم چايقىساق، ئوخشاشلا4 كىلوگرام سۇ ئىشلەتكەن بولىمىز، ئەمما كىيىمدە پەقەت5 .0 گراملا سوپۇن قېلىپ قالىدۇ.
مانا بۇ تەقسىملىنىش قانۇنى. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، بىز مەلۇم نەرسىنى ئېكستراكتلاپ ئالغاندا ياكى يۇغاندا، كۆپ مىقداردا ئېرىتكۈچى ئىشلەتسەك ياكى كۆپ مىقداردا سۇ ئىشلىتىپ بىرلا قېتىم يۇساق، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش مىقداردا ئېرىتكۈچى ئىشلىتىپ بىرقانچە قېتىمغا بۆلۈپ ئالغاندىكىدەك ياكى ئوخشاش مىقداردا سۇ ئىشلىتىپ بىرقانچە قېتىمغا بۆلۈپ چايقىغاندىكىدەك ياخشى بولمايدۇ.
بۇ «ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم» بۆلۈش پرىنسىپى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن، جۇڭيى دورىسى قايناتقاندا، ئادەتتە ئىككى قېتىم قايناتقاندا ئاندىن دورىدىكى ئۈنۈملۈك تەركىبلەرنى ئايرىپ ئالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بىرىنچى قېتىم1 كىلوگرام سۇدا قاينىتىپ بىر چىنە، ئىككىنچى قېتىم5 .0 كىلوگرام سۇدا قاينىتىپ بىر پىيالە ئالساق جەمئىي5 .1 كىلوگرام سۇ ئىشلەتكەن بولىمىز، ئەگەر5 .1 كىلوگرام سۇ بىلەن بىرلا قېتىم قاينىتىپ بىر قاچا ئالساق، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ئىككىگە بۆلۈپ قاينىتىپ ئالغاندىكىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ.