UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىرېزىنكە بوغقۇچنىڭ ئېلاستىكلىقى

رېزىنكە بوغقۇچنىڭ ئېلاستىكلىقى

خىمىيە بىلىملىرى بۇنىڭدىن500 يىللار بۇرۇنقى1493 - يىلى كولومبو ئىككىنچى قېتىملىق دېڭىز سەپىرىدە ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغاندا، ئىندىئانلارنىڭ سوزۇپ قويۇۋەتسە ئەسلىگە كېلىدىغان، يەرگە تاشلىسا قاڭقىپ ئۆرلەيدىغان نەرسىنى ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھەيران قالغان، ئۇ ئىندىئانلاردىن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ رېزىنكە ئىكەنلىكىنى بىلگەن. ھازىرقى كۈندە كاۋچۇك ئىنسانلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان نەرسىگە ئايلاندى. رېزىنكە بوغقۇچ سوزۇپ قويۇۋېتىلسە ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇنى كاۋچۇك مولېكۇلىلىرىنىڭ تەسىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان. كاۋچۇك مولېكۇلىلىرى ئىنتايىن ھەرىكەتچان بولۇپ، ئۇلار ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ تىزىلىپ تۇرىدۇ. ھەربىر مولېكۇلا خالىغانچە ھەرىكەتلىنىپ تۇرغانلىقتىن، ئۇلارنىڭ قوشۇن رېتى دائىم ئەگرى - بۈگرى ھالەتتە بولىدۇ. ئەگەر رېزىنكە بوغقۇچ كۈچەپ سوزۇلسا كاۋچۇك مولېكۇلىلىرى خالىغانچە ھەرىكەت قىلىدىغان «ئەركىن» لىكتىن مەھرۇم بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇنلىرىنىڭ تىزىلىشى رەتلىك بولۇپ، كۆرۈنۈشتە سوزۇلغاندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن، بۇ مولېكۇلىلار ئەركىنلىكتىن ئايرىلغان ھالدا مۇنداق تىپتىنچ تۇرۇشنى خالىمايدۇ، ئۇلار «ئەركىن» لىككە ئىنتىلىدۇ، نەتىجىدە ئۇلاردا ئەسلىي ھالىتىگە قايتىش كۈچى پەيدا بولىدۇ، مانا بۇ كۈچ كاۋچۇكنىڭ ئېلاستىكلىق كۈچىدىن ئىبارەت. بۇنداق كاۋچۇكلار ئەمەلىيەتتە خام كاۋچۇكتىن ئىبارەت، ئەگەر بۇلارنى مەلۇم دەرىجىگىچە سوزساق مولېكۇلىلار ئارىسىدا »سىيرىلىش« يۈز بېرىپ، قايتىدىن ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ. «سىيرىلىش» ھادىسىسى يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ مولېكۇلىلىرىنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈپ ستېرېئولۇق تور شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل ئۇلاش دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنداق ئۇلانغان مولېكۇلىلار تۆمۈر سىمدىن ياسالغان تورغا ئوخشاش ئېلاستىك بولىدۇ.1839 - يىلى گۇدىئىل بايقىغان گۈڭگۈرتلۈك كاۋچۇك ئەمەلىيەتتە گۈڭگۈرتنى گىرەلەشتۈرگۈچى قىلىپ، خام كاۋچۇك مولېكۇلىلىرى ئارىسىدىكى بىرقانچە جايلاردا ئۆزئارا تۇتۇشۇپ تۇرىدىغان قول شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق ئالاھىدە ئىقتىدار ۋە ئېلاستىكلىققا ئىگە قىلىنغان كاۋچۇكتىن ئىبارەت. رېزىنكە بوغقۇچلار ئەنە شۇ ئېلاستىكلىقى بار كاۋچۇكتىن ياسالغان.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى