UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىكاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ يېڭىچە قوللىنىلىشى

كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ يېڭىچە قوللىنىلىشى

خىمىيە بىلىملىرى كاربون (Ⅳ) ئوكسىد غەلىتە گاز، ئۇنىڭ ھاۋادىكى قويۇقلۇقى %5 تىن ئېشىپ كەتسە ئىنسانلارنىڭ نەپەس يولىدىكى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى غىدىقلاپ نەپەسلىنىش مىقدارىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنداق چاغدا ئادەم بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ. ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، زاۋۇتلار قويۇپ بېرىدىغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بەزىلەر ئاتموسفېرادىكى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ خۇددى قېلىن تور پاختىغا ئوخشاش يەر يۈزىنى يېپىۋالغاندا، يەر يۈزى قۇياش نۇرىنى ئۈزلۈكسىز شۈمۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەر ئۈستىدىكى ئىسسىقلىق تارقىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ - دە، يەر شارى خۇددى چوڭ پارنىكقا ئوخشاپ قېلىپ ئىنسانلارغا نۇرغۇن بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ قارىغاچقا، كىشىلەر كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى »كېرەكسىز ماددا« ھەتتا خەۋپلىك «دۈشمەن» ئورنىدا كۆرۈپ كەلگەن. ھازىر ئالىملار كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ ئىنسانلارغا زور تۆھپىلەرنى قوشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. بىرىنچىدىن، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئېلىپ بارىدىغان خام ئەشيا. كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن سۇنى يورۇقلۇق تەسىرىدە بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق كاربون سۇ بىرىكمىسى ۋە ئوكسىگېننى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ. شۇڭا، كەڭ كەتكەن ئېتىزلىقلارغا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى قويۇپ بېرىشكە ھەمدە ئامال قىلىپ قۇياشنىڭ يورۇتۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا مۇمكىن بولسا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد كۆڭۈلدىكىدەك گاز ھالەتتىكى ئوغۇت بولالايدۇ، مانا بۇ ھازىرقى زامان بىئو تېخنىكا قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالىملار ھازىر سۈنئىي ئۇسۇلدا خلوروپلاستنى سىنتېزلاپ چىقىشنى تەتقىق قىلماقتا. بۇ خىل تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن ھامان ئۇنىڭ بىلەن سۇنى ھىدروگېن بىلەن ئوكسىگېنغا ئايلاندۇرۇشقا، ئاندىن ھىدروگېن بىلەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئوكسىدسىزلاپ فورمالدېھىد (HCHO) قا ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرىدا فورمالدېھىدتىن قەنتلەر n(HCHO) نى سىنتېزلىغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد فوتوسىنتېز تەسىرىدە كاربوكسىل كىسلاتالار، ياغلار، ئامىنوكىسلاتا قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلالايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى نەپەسلىنىش جەريانىدا ئۆزى چىقارغان كاربون (Ⅳ) ئوكسىدقا مەلۇم مىقداردىكى سۇنى قوشۇش ئارقىلىق ئالەم بوشلۇقىدا ئاشلىق ئىشلەپچىقىرالايدۇ. ئىككىنچىدىن، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدقا بىر قىسىم ئېلېكترون ۋە ئېنېرگىيە بېرىپ ئۇنى «ئاكتىپلاشتۇرۇش» ئارقىلىق نۇرغۇن خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەرگە قاتناشتۇرۇپ فورمالدېھىد، ئېتىلېن، فورمىئات كىسلاتا، مېتىل ئىسپىرت قاتارلىق خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ. مەسىلەن،1913 - يىلىلا ئالىملار α نۇرى ئارقىلىق كاربون (Ⅳ) ئوكسىد بىلەن ھىدروگېن ئارىلاشما گازىنى نۇرلاندۇرۇپ فورمالدېھىد ئالغان. ئالىملار كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ يېڭىچە ئىشلىتىلىش يوللىرىنى تېپىپ »كېرەكسىز ماددا«نى كېرەكلىك ماددىغا ئايلاندۇردى.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنىڭ يېڭىچە قوللىنىلىشى | UyghurWiki | UyghurWiki