UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىسمولىلار

سمولىلار

خىمىيە بىلىملىرى دۇنيادا سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ئەڭ چوڭ نەرسە بۇلۇت (دېڭىز بۇلۇتى) دەپ ھېسابلىناتتى، لېكىن ھازىر كىشىلەر سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارى جەھەتتە بۇلۇتنى بېسىپ چۈشىدىغان يۇقىرى مولېكۇلىلىق ماتېرىيال سۇ سۈمۈرگۈچى سمولىلارنى سىنتېزلاپ چىقتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېغىرلىقىدىن500 −3000 ھەسسە يۇقىرى ئېغىرلىقتىكى سۇنى سۈمۈرەلەيدۇ. بۇ سمولا بىر خىل ئاق رەڭلىك پاراشوك بولۇپ، ھەربىر تال يۇقىرى مولېكۇلىلىق سمولا دانچىسى كىچىك بىر ئاككۇمۇلياتورغا ئوخشايدۇ. ئۇلار قۇرغاق، ھۆل - يېغىن ئاز بولىدىغان قۇملۇق جايلارغا سېپىپ قويۇلسا كېچىدە يەر ئاستىدىن سىرغىپ چىققان نەملىكنى سۈمۈرىدۇ. ئەگەر ئالدىن ئوغۇت ۋە سۇغا ئارىلاشتۇرۇلسا، قۇملۇق رايونلاردا زىرائەت ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سۈيدۈك لاتىسى ئىشلەنسە سۈيدۈكنى ياخشى سۈمۈرىدۇ ۋە پاكىز بولىدۇ. ئۇنىڭدىن تازىلىق پاختىسى، سالفېتكا ئىشلەنسە كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ خىل سمولىلارنىڭ زەھىرى يوق، دورىلار ۋە پەرداز بۇيۇملىرىغا ئارىلاشتۇرۇلسا، دورا ئاستا - ئاستا ئايرىلىپ چىقىپ، ئۈنۈمى ئۇزاققىچە داۋام قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن يەل - يېمىش ساقلايدىغان خالتا ئىشلەنسە، يەل - يېمىشلەرنى ئۇزاققىچە يېڭى پېتىچە ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇ سمولىنىڭ سۇ سۈمۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ بۇنداق يۇقىرى بولۇشى سۇنى ئۆزىگە تارتقۇچى نۇرغۇن «رادىكاللار»نىڭ بولغانلىقىدا، بۇ رادىكاللار سۇ مولېكۇلىلىرىنى تۇتۇپ تۇرغان «قول»غا ئوخشايدۇ. پۈتۈن چوڭ مولېكۇلىدىكى «قوللار» نۇرغۇنلىغان سۇ مولېكۇلىلىرىنى ئۆزىگە تارتقاندىن كېيىن، بىر دانە ئاق رەڭلىك پاراشوكتىن سۇغا «تويۇنغان» ئۇششاق سۇ شارچىلىرىغا ئايلىنىدۇ. مۇنداق ئاجايىپ پاراشوكلارنىڭ بەزىلىرى كراخمال، سېللۇلوزىدىن ئىبارەت تەبىئىي يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمىلەرنى ئىسكىلىت قىلىپ، ئۇلارنى بىرلىكتە پولىمېرلاش ئارقىلىق ياسىلىدۇ؛ بەزىلىرى خىمىيىۋى سىنتېز ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ياسىلىدۇ؛ يەنە بەزىلىرى بولسا كېرەكسىز ئاكرىل تالاسى يىپچىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى