يەتتىنچى ئوزۇقلۇق ماددا
خىمىيە بىلىملىرى
مەيلى بامبۇك نوتىسى، شېكەر قومۇشى بولسۇن ياكى كەرەپشە، كۆممىقوناقلار بولسۇن، ئۇلاردا ئومۇمەن نۇرغۇن تىرىپ - تالالار بولىدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر ئۇلارنى ھېچقانداق قىممىتى يوق كېرەكسىز نەرسىلەر دەپ قاراپ تاشلىۋەتكەن، ھازىر ئۇلارنىڭ ئىنسانلار تېنى ئۈچۈن زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى، ئۇلار ھەر خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىچىدە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن يەتتىنچى ئوزۇقلۇق ماددىلار دەپ ئاتالدى. باشقا كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى، ياغ، ئاقسىل، مىنېرال ماددىلار، سۇ ۋە ۋىتامىنلار قاتارلىق6 خىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا سېلىشتۇرغاندا، سېللۇلوزىنىڭ ئادەم تېنى ئۈچۈن رولى چوڭ. دۆلەت سىرتىدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دېئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغىلى ئۈچ يىل بولغان بىر بوۋاي دانلىق زىرائەتلەر، پۇرچاق، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق تەركىبىدە سېللۇلوزا مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەنلىكى ئۈچۈن، يېرىم يىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ بوۋاي ئوكۇل سالدۇرمايدىغان، دورىمۇ يېمەيدىغان بولغان.
ئالىملار كىشىلەرگە سەمىمىي مەسلىھەت بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر دائىم پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەر مەسىلەن، كۆك پۇرچاق، باقىلە، يېسسى پۇرچاق، سېرىق پۇرچاق، شۇنىڭدەك ياڭيۇ، كۆممىقوناق، كۆكتات ۋە يەل - يېمىش ئىستېمال قىلىپ تۇرسا، كېپەكلىك بۇغداي ئۇنى قاتارلىق تەركىبىدە تالا كۆپرەك بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇلار يۈرەك كېسىلى، سەمرىپ كېتىش، ئاستا خاراكتېرلىك قەۋزىيەت، گېمروي قاتارلىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدۇ.
خىمىيىدە سېللۇلوزا مەلۇم تۈردىكى گلۇكوزىنىڭ «بىرلەشمىسى» دەپ قارىلىدۇ. ئۇ، سۇدىمۇ، ئېتانول قاتارلىق ئادەتتىكى ئېرىتكۈچىلەردىمۇ ئېرىمەيدۇ. ئادەملەر يېمەكلىكلەردىن قوبۇل قىلغان سېللۇلوزا ئادەتتە تەستە ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلىدۇ. لېكىن ئۇ بەدەندىكى زىيانلىق نەرسىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىشكە ياردەم بېرىدۇ. سېللۇلوزا ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ھامان كىچىك ئۈچەيگە كىرىپ ياغ، خولېستېرىن قاتارلىقلارنى چىقىرىپ تاشلاپ، كىچىك ئۈچەينىڭ ياغ، خولېستېرىننى سۈمۈرۈشىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىدۇ. تەركىبىدە سېللۇلوزا كۆپرەك بولغان يېمەكلىكلەرنى دائىم يەپ بەرگەندە چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىدۇ، قەۋزىيەت، گېمروي، دېئابىت كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. لېكىن ئاشقازان، ئۈچەي يارىسى بار كىشىلەر سېللۇلوزىلىق يېمەكلىكلەرنى يەنىلا ئازراق ئىستېمال قىلغىنى ياخشى.