سىنتېتىك كاۋچۇك
خىمىيە بىلىملىرى
ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان ئۆچۈرگۈچتىن تارتىپ ئادەملەر كىيىدىغان رېزىنكە ئاياغقىچە، يول ئۈستىدە يۈرىدىغان ئاپتوموبىللاردىن تارتىپ ئاسماندا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسى كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرىغا موھتاج.
كىشىلەر ئىلگىرى تەبىئىي كاۋچۇكلاردىن پايدىلانغان، تەبىئىي كاۋچۇكلار كاۋچۇك دەرىخىدىن ئېقىپ چىققان كاۋچۇك سۇيۇقلۇقىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق تەييارلىناتتى، ئۇلار كىلىمات، جۇغراپىيىلىك مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۇچقاندەك ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېھتىياجنى قاندۇرالمايتتى. بۇنىڭ بىلەن ئالىملار كاۋچۇكلارنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئىزوپرېننى مونومېر قىلغان پولىمېر ئىكەنلىكىنى بايقىدى، بۇنىڭ بىلەن تۈزۈلۈشى ئوخشاپ كېتىدىغان ئىزوپرېن ۋە1 ،3 - بۇتادىئېن قاتارلىق بىرىكمىلەرنى پولىمېرلىنىش رېئاكسىيىسىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق خۇسۇسىيىتى تەبىئىي كاۋچۇكقا ئوخشاپ كېتىدىغان سىنتېتىك كاۋچۇكنى ياساپ چىقتى، بۇ خىل كاۋچۇكنىڭ بەزىبىر ئىقتىدارى تەبىئىي كاۋچۇكنىڭكىدىن ئارتىپ كەتتى. مەسىلەن، خلورلۇق بۇتادىئېن كاۋچۇكىنىڭ ئوتقا چىداملىقلىقى، بۇتادىئېن (سترېن) كاۋچۇكىنىڭ مايغا، كونىراشقا، چىرىتىشكە چىداملىقلىقى تەبىئىي كاۋچۇكنىڭكىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاھىدە ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان سىلىتسىيلىق، فتورلۇق كاۋچۇكلارمۇ ئىشلەپچىقىرىلدى. ھازىر سىنتېتىك كاۋچۇكلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى تەبىئىي كاۋچۇكلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتتى.
سىنتېتىك كاۋچۇك سانائىتى يۇقىرى مولېكۇلىلىق بىرىكمە سانائىتىنىڭ يول ئاچقۇچىسى بولۇپ، سىنتېتىك كاۋچۇكىنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن سۇلياۋ سانائىتى ۋە سىنتېتىك تالا سانائىتىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.