يېڭىچە ئىچىملىكلەر
خىمىيە بىلىملىرى
ئادەملەر جىددىي ھەرىكەت قىلغاندا نۇرغۇن تەر چىقىدۇ. تەردە ماگنىي، كالتسىي، كالىي قاتارلىق مىنېراللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تۇز تەركىبى بولىدۇ. قايناق سۇ ئىچىش بىلەنلا بەدەندىكى ئوزۇقلۇقلارنى تولۇقلاپ، ھارغىنلىقنى تۈگەتكىلى بولمايلا قالماي، سۇنى قانچە كۆپ ئىچكەنسېرى شۇنچە كۆپ تەرلەيدۇ ۋە تۇزلارمۇ شۇنچە كۆپ چىقىپ كېتىدۇ. ئاسانلا مۇسكۇللارنىڭ ئاغرىشى، تارتىشىپ قېلىشى ۋە ماغدۇرسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىدىغان ئىچىملىك گلۇكوزا، مىنېرال ماددىلار قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن ياسالغان بولۇپ، بۇنداق ئىچىملىكلەر چارچاشنى تېز يوقىتىپ، بەدەن كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.
تەنھەرىكەتچىلەر ئىچىملىكى تەڭ ئوسموسلۇق ئىچىملىك دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوسموتىك بېسىمى بەدەننىڭ ئوسموتىك بېسىمىغا يېقىن بولغاچقا، بەدەنگە ئاسان سۈمۈرۈلۈپ، بەدەن كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ. بۇ يۇقىرى ھارارەتلىك شارائىتتا ئىشلەيدىغانلار، ساياھەتچىلەر، ياشانغانلار ۋە ياش - ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك ئىچىملىك ھېسابلىنىدۇ.