UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىقورۇمىنى ئەڭ ياخشىسى تۆمۈر قازاندا قورۇغان ياخشى

قورۇمىنى ئەڭ ياخشىسى تۆمۈر قازاندا قورۇغان ياخشى

خىمىيە بىلىملىرى بۇنىڭدىن500 −600 يىللار ئىلگىرىلا جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەكلا تۆمۈر قازاندا ئاش - تاماق ئېتىشەتتى، ئۇ دەۋرلەردە غەربلىكلەر تۆمۈر قازاننى ئىنتايىن قىممەتلىك بۇيۇم قاتارىدا كۆرەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا،14 - ئەسىردە ئەنگلىيە پادىشاھى ئېدۋاد Ⅲ جۇڭگونىڭ تۆمۈر قازانلىرىنى كۆرسىلا ئۇنى قىممەتلىك بىباھا گۆھەر قاتارىدا كۆرۈپ يىغىپ ساقلىغان. ئاليۇمىن مېتالى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئاليۇمىن قازان، ئاليۇمىن قاچا - قۇچىلار تۆمۈر قاچا - قۇچىلارنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاليۇمىندىن ئىشلەنگەن بۇيۇملار تۆمۈردىن ئىشلەنگەن بۇيۇملاردىن يېنىك، ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈشى تېز بولۇپ، ئېنېرگىيە تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. لېكىن، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆمۈر قازان، تۆمۈر قاچا - قۇچىلار ئاليۇمىندىن كۆپ ياخشى. ئاليۇمىن قازان كىسلاتا، ئىشقار، تۇزلارنىڭ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئاليۇمىن قازاندا دائىم قورۇما قورۇغاندا، ئۇ ئاچچىقسۇ، تۇز، ئىشقار بىلەن ئۇچرىشىپ بىر قىسىم ئاليۇمىنلار قورۇمىلار بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىگە كىرىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. تۆمۈر قازاندا قورۇما قورۇغاندا بەدەنگە زىيان يەتكۈزمەيلا قالماستىن، بەلكى بەدەننى ئېھتىياجلىق بولغان تۆمۈر بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ. بەزىلەر بۇ ھەقتە تەجرىبە ئىشلەپ، تۆمۈر قازاندا باش پىيازنى قورۇغاندا ماينى بەش مىنۇت قىزدۇرغاندىن كېيىن پىياز تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىنىڭ ئەسلىدىكىدىن1 -2 ھەسسە كۆپىيىدىغانلىقىنى، ئەگەر تۇز ۋە ئاچچىقسۇ قوشۇپ يەنە بەش مىنۇت قىزدۇرۇلسا تۆمۈر مىقدارىنىڭ ئەسلىدىكىدىن15 −19 ھەسسىگىچە كۆپىيىدىغانلىقىنى بايقىغان. تۆمۈر ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان مىكرو ئېلېمېنت. ئادەم بەدىنىدىكى ھېموگلوبىن مولېكۇلىلىرى ئوكسىگېن سۈمۈرىدىغان ھەم ئوكسىگېن چىقىرىدىغان «ماشىنا»، تۆمۈر بولسا ھەم ھېموگلوبىن ھاسىل قىلىدىغان خام ئەشيا، ھەم ھېموگلوبىن مولېكۇلىلىرىنىڭ «يادروسى». ئۇ بولسىلا ئوكسىگېن پۈتۈن بەدەنگە بارىدۇ، ئۇ بولمىسا ھېموگلوبىن ئوكسىگېن مولېكۇلىسىنى تۇتۇپ تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ، ھاياتلىق خەۋپكە ئۇچرايدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى