UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىئاتوم ئېغىرلىقى

ئاتوم ئېغىرلىقى

خىمىيە بىلىملىرى دۇنيادىكى بارلىق ماددىلار كىچىككىنە ئاتوملاردىن تۈزۈلگەنىكەن، ئۇنداقتا بۇ ئاتوملار زادى قانچىلىك كىچىك؟ قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن جۇڭگولۇق گۇڭ سۇنلۇڭ دېگەن ئادەم مۇنداق دېگەن: «بىر چى ئۇزۇنلۇقتىكى كالتەكنى كۈندە يېرىمدىن كېسىۋېتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنى نەچچە مىڭ ئەۋلادمۇ كېسىپ تۈگىتەلمەيدۇ». ئەگەر ھەقىقەتەن شۇنداق قورال بار بولۇپ، كۈندە يېرىمى كېسىلىۋېرىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا3 - كۈنىگە بارغاندا سەككىزدىن بىر چىسى ئېشىپ قالىدۇ،10 - كۈنىگە بارغاندا1024 تىن1 چىسى ئېشىپ قالىدۇ؛30 - كۈنى1 مىلياردتىن1 چىسى ئېشىپ قالىدۇ، بۇ چاغدا كالتەك تالالارنىڭ مولېكۇلىسىدىنمۇ كىچىك ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ؛32 - كۈنى4 مىلياردتىن بىرى قېلىپ ئاتوم چوڭلۇقىدەكلا ھالەتكە كېلىدۇ. ئالىملار ئوخشىمىغان ئاتوملارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىمۇ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى بايقىغان. ئاتوملارنىڭ دىئامېتىرى ئادەتتە100 مىليوندىن1 سانتىمېتىر ياكى3 مىلياردتىن1 چى كېلىدۇ. ئەڭ كىچىك باكتېرىيە ئىچىگە تەخمىنەن2 مىليارد ئاتوم سىغىدۇ. بۇنداق كىچىك ئاتومنىڭ ئېغىرلىقى زادى قانچىلىك باردۇ؟ گەرچە ئاتوملارنىڭ تۈرلىرى، چوڭ - كىچىكلىكى، ماسسىلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئالىملار ھەر خىل ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ماسسىلىرىنى ئۆلچەپ چىققان، بۇنىڭدا سانلىق قىممەت بەك كىچىك بولغاچقا، ئۇنى يېزىش بەك ئاۋارىچىلىك بولغان. مەسىلەن، گرامنى بىرلىك قىلغاندا، بىر دانە كاربون ئاتومىنىڭ ماسسىسى ئونلۇق كەسىر چېكىتىنىڭ كەينىگە22 دانە0 نى قويغاندىن كېيىن، ئاندىن كىچىك ساننى قويۇپ يېزىلىدۇ. بۇ خۇددى چوڭ گىر ئارقىلىق تېرىقچىلىق چوڭلۇقتىكى نەرسىنى ئۆلچىگەنگە ئوخشاش ئىش. شۇڭا، ئالىملار بىر دانە كاربون ئاتومى (كاربون-12نى كۆرسىتىدۇ) ماسسىسىنىڭ12 دىن بىرىنى ئۆلچەم قىلىپ، باشقا ئاتوملارنىڭ ماسسىسىنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا ئېرىشىلگەن نىسپىي ماسسىنى شۇ ئاتومنىڭ ئېغىرلىقى دەپ ئاتاشنى بەلگىلىگەن، يەنى بىر خىل ئاتومنىڭ ماسسىسى ئارقىلىق باشقا ئاتومنىڭ ماسسىسىنى ئۆلچىگەندە، ئىككى خىل ئوخشىمىغان ئاتومنىڭ ماسسىلىرىنىڭ نىسبىتى ئاتوم ئېغىرلىقى بولىدۇ. شۇڭا، ئاتوم ئېغىرلىقىنىڭ بىرلىكى بولمايدۇ. مەسىلەن، ھىدروگېننىڭ ئاتوم ئېغىرلىقى1 گە تەڭ. كاربوننىڭ12 ، ئوكسىگېننىڭ16 ، ناترىينىڭ23 ۋە باشقىلار. بۇلار خىمىيىۋى ھېسابلاشلاردا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
ئاتوم ئېغىرلىقى | UyghurWiki | UyghurWiki