UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىسىرتقى ھورمونلار

سىرتقى ھورمونلار

خىمىيە بىلىملىرى بىر چۈمۈلە ئوزۇقلۇق تېپىۋالغاندىن كېيىن خۇددى «بىر - بىرىنى چىللاپ كەلگەندەك» نۇرغۇن چۈمۈلىلەر جەم بولۇشۇپ ئوزۇقلۇقنى بىرلىكتە ئۇۋىسىغا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار بۇ خەۋەرنى سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى بىرىكمە مولېكۇلىلىرى ئارقىلىق بىر - بىرىگە يەتكۈزۈشىدۇ. مانا بۇ خىل بىرىكمىلەر سىرتقى ھورمونلار دەپ ئاتىلىدۇ. ھاشاراتلاردا نۇرغۇن سىرتقى ھورمونلار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم بولغىنى جىنسىي سىرتقى ھورموندىن ئىبارەت. چىشى ھاشارات تۇخۇم سېلىشتىن ئىلگىرى سىرتقى ھورمون چىقىرىدۇ، ئەركەك ھاشاراتلار ئانتېنىسى (سەزگۈچى ئەزاسى) ئارقىلىق بۇ خىل مولېكۇلىنى سېزىپ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتىن ئىز قوغلاپ يېتىپ كېلىپ جەم بولىدۇ. گەرچە ھەربىر ھاشارات چىقىرىدىغان سىرتقى ھورموننىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، ئالىملار يەنىلا كۆپلىگەن ھاشاراتلار تېنىدىن بۇ ئاجراتمىلارنى ئايرىۋېلىپ، ئۇلارنى ئايرىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەركىبى ۋە تۈزۈلۈشىنى ئىگىلەپ، سۈنئىي سىنتېزلاش ئارقىلىق بۇ ماددىلارنى ئالدى. سۈنئىي سىنتېزلانغان بۇ سىرتقى ھورمونلارمۇ خۇددى تەبىئىي ھورمونلارغا ئوخشاشلا ئەركەك ھاشاراتلارنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرەلەيدۇ. ئەركەك ھاشارات بولمىسا چىشى ھاشارات چىقارغان تۇخۇم تۆرەلمىگە ئايلىنالمايدۇ. بۇ خىل ھاشارات يوقىتىش ئۇسۇلى بىئولوگىيىلىك ھاشارات يوقىتىش ئۇسۇلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا دورا ئاز ئىشلىتىلىدۇ، ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدۇ، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ رەقىبلىرىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ، مۇھىتنىمۇ بۇلغىمايدۇ. ھاشاراتلار جىنسىي تاشقى ھورمونلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى كىچىك مولېكۇلىلىق ئورگانىك بىرىكمىلەر بولۇپ، ئۇلار بىرقانچە خىل بىرىكمىلەرنىڭ ئارىلاشمىسىدىن ئىبارەت. ئوخشاش بىر تۈردىكى ھاشاراتلارنىڭ ئوخشىمىغان پەسىللەردە چىقىرىدىغان ھورمونلىرىنىڭ تەركىبى ۋە مىقدارىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر جىنسىي سىرتقى ھورمونلارنىڭ قانۇنىيەتلىرى ئىگىلەنمىسە، ھاشاراتلارنىمۇ ئالدام خالتىغا چۈشۈرگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ھەربىر خىل ھاشاراتلارنىڭ ئۆزىگە خاس مەخسۇس ئالاقىلىشىش شىفىرلىرى بولىدۇ، مانا بۇ تەتقىق قىلىش، قوللىنىشقا نىسبەتەن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا ھاشاراتلارنى بىئولوگىيىلىك ئۇسۇلدا يوقىتىشنى ھازىرچە تېخى دورا ئارقىلىق يوقىتىشنىڭ ئورنىغا تولۇق دەسسىتىشكە مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى