ئاتوم تۈزۈلۈشى
خىمىيە بىلىملىرى
ئاتوم گەرچە ئىنتايىن كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ.
بىزگە قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزى قۇياش ئىكەنلىكى، قۇياشنىڭ ئەتراپىدىكى چوڭ - كىچىك سەييارىلەر قۇياشنى ئايلىنىپ توختىماستىن ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدىغانلىقى مەلۇم. ئاتوم قۇياش سىستېمىسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ مەركىزى ئاتوم يادروسى بولۇپ، ئاتوم يادروسىنىڭ ئەتراپىدا مەلۇم ساندىكى مەنپىي زەرەتلىك ئېلېكترونلار ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئاتوم يادروسىنىڭ ھەجمى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ، ئەگەر بىر ئاتومنى ۋاسكېتبول چوڭلۇقىدا چوڭايتساق، ئاتوم يادروسى يىڭنە ئۇچىدىنمۇ كىچىكرەك بولىدۇ، لېكىن بىر پۈتۈن ئاتومنىڭ ماسسىسى ئاتوم يادروسىغا مەركەزلەشكەن بولىدۇ. ھىدروگېن ئاتومىنىڭ يادروسى ئەڭ كىچىك ئاتوم يادروسى بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى ئېلېكترون ماسسىسىنىڭ1836 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.
ئاتوم يادروسىنىڭ ھەجمى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا مۇرەككەپ بىر كوللېكتىپ، ئۇ پروتون بىلەن نېيتروندىن ئىبارەت ئىنتايىن كىچىك ئىككى خىل زەررىچىدىن تەركىب تاپقان. پروتون بىلەن نېيتروننىڭ ماسسىسى ئوخشاش، پروتون مۇسبەت زەرەتلىك، نېيترون زەرەتسىز زەررىچە. ئوخشىمىغان ئاتوملارنىڭ يادروسىدا ئوخشىمىغان ساندىكى پروتون، نېيترونلار بولىدۇ.
ھىدروگېن ئاتومىنىڭ يادروسى ئەڭ كىچىك يادرو بولۇپ، ئۇ پەقەت بىرلا پروتوندىن تەركىب تاپقان. ھىدروگېن ئاتومىنىڭ يادروسىدا نېيترون بولمايدۇ. ئىنېرت گاز گېلىينىڭ ئاتوم يادروسى ئىككى دانە پروتون، ئىككى دانە نېيتروندىن تەركىب تاپقان. ئوكسىگېن ئاتومىنىڭ يادروسى سەككىز دانە پروتون بىلەن سەككىز دانە نېيتروندىن تەركىب تاپقان.
بىر دانە ئاتوم يادروسىدىكى پروتونلارنىڭ سانى يادرو زەرەت سانى دېيىلىدۇ. يادرو زەرەت سانى ئوخشاش بولغان بىر توردىكى ئاتوملار ئېلېمېنت دېيىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر خىل ئېلېمېنتلارنى ئۇلارنىڭ يادرو زەرەت سانلىرى بويىچە تىزغاندا، ئېلېمېنت ئاتومىنىڭ يادروسىدىكى زەرەت سانى قانچە بولسا، ئۇ ئېلېمېنت شۇنىنچى نومۇرلۇق ئېلېمېنت بولىدۇ. مەسىلەن، ھىدروگېن بىرىنچى نومۇرلۇق ئېلېمېنت، گېلىي ئىككىنچى نومۇرلۇق ئېلېمېنت، ئوكسىگېن سەككىزىنچى نومۇرلۇق ئېلېمېنت ۋە باشقىلار.
ئوكسىگېن ئاتومىنىڭ يادروسىدىكى زەرەت سانى سەككىز بولۇپ، يادروسىنىڭ سىرتىدا ھەرىكەت قىلىدىغان ئېلېكترونلارنىڭ سانىمۇ سەككىز دانە بولغاچقا، مۇسبەت زەرەتلىك ئاتوم يادروسى بىلەن مەنپىي زەرەتلىك ئېلېكترونلار ئۆزئارا تارتىشىپ ئاتومنى ھاسىل قىلىدۇ. ئاتوم يادروسىدىكى مۇسبەت زەرەتلەر بىلەن مەنپىي زەرەتلىك ئېلېكترونلار سانى ئۆزئارا تەڭ بولغاچقا، بىر پۈتۈن ئاتومدا ئېلېكترلىك خۇسۇسىيەت ئىپادىلەنمەيدۇ. خىمىيىۋى رېئاكسىيە جەريانىدا ئاتوم يادروسىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ، پەقەت يادرو سىرتىدىكى بىر قىسىم ئېلېكترونلاردىلا ئۆزگىرىش بولىدۇ.