نېفىت ئايرىشتىكى كراكىنگىلەش ئۇسۇلى
خىمىيە بىلىملىرى
«سۇيۇق ئالتۇن» دەپ ئاتالغان نېفىتتىن1000 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغىلى بولىدۇ. ئاپتوموبىل، ئايروپىلان قاتارلىق زامانىۋى قاتناش قوراللىرى ئۈچۈن كېرەك بولغان سالياركا، بېنزىن، كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان ھەر خىل خىمىيىۋى تالا، سۇلياۋ ۋە سۈنئىي كاۋچۇك قاتارلىقلار نېفىتنى خام ئەشيا قىلىش ئارقىلىق ياسىلىدۇ.
مانا شۇنداق كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا نېفىتنى «كراكىنگىلەش» ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. ئەسلىدە نېفىت ھەر خىل ئورگانىك ماددىلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنى بىر - بىرىدىن ئاجرىتىش قىيىن. بۇلاردىن لازىملىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن نېفىت تەركىبىدىكى ئورگانىك ماددىلارنى ئايرىۋېلىش كېرەك.
بۇنىڭدىن تەخمىنەن100 نەچچە يىللار ئىلگىرى ئالىملار نېفىتتىن بېنزىن، سالياركا قاتارلىق ھەر خىل يېقىلغۇلارنى ئاجرىتىپ ئالغان. ئۇلار بۇلارنى ئايرىۋېلىشتا، نېفىتنى دىستىللەش مۇنارىدا قىزدۇرۇپ، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەندىن يۇقىرىلاپ بېرىش تەرتىپى بويىچە بېنزىن، كىرسىن، سالياركا ۋە سىلىقلىغۇچى ماينى ئايرىۋېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا دىستىللەش مۇنارىدا قېپقالغان ئايرىغىلى بولمايدىغان ماينى مازوت (ئېغىر ماي) دەپ ئاتىغان. بۇ خىل قىزدۇرۇپ ئايرىۋېلىش ئۇسۇلىنى دىستىللەش ئۇسۇلى دەپ ئاتىغان. بۇ ئۇسۇل ئاددىي ۋە مەشغۇلاتى ئاسان بولسىمۇ، لېكىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولغاچقا، قېپقالغان مازوتنى ئىشلەتكىلى بولمىغانلىقتىن تاشلىۋېتىلگەن.
ئاپتوموبىل بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، بېنزىنغا بولغان تەلەپ ئۈزلۈكسىز ئارتىپ بارغان، پەقەت دىستىللەش ئۇسۇلى ئارقىلىقلا ئېلىنغان بېنزىن تەلەپنى قاندۇرالمىغان، بۇنىڭ بىلەن ئالىملار تەتقىق قىلىپ، نېفىتنى ئايرىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان، مانا بۇ ئۇسۇلنى ئالىملار كراكىنگىلەش دەپ ئاتىغان.
خىمىيە ئالىملىرى مازوت ۋە بېنزىنلار ئەمەلىيەتتە كاربون ھىدرىدلار تۈرىدىكى ئورگانىك ماددىلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇلار كاربون ۋە ھىدروگېندىن ئىبارەت ئىككى ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى، پەقەتلا مازوت تەركىبىدىكى كاربونھىدرىدنىڭ مولېكۇلىلىرى بىرقەدەر چوڭ، بېنزىن قاتارلىق كاربونھىدرىدنىڭ مولېكۇلىلىرى بىرقەدەر كىچىك بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئالىملار كەشىپ قىلغان كراكىنگىلەش ئۇسۇلى ماھىيەتتە كاتالىزاتور ئىشلىتىلگەن شارائىتتا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قىزدۇرۇش ئارقىلىق مازوت تەركىبىدىكى چوڭ مولېكۇلىلارنى پارچىلاپ بېنزىن قاتارلىق كىچىك مولېكۇلىلارغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت. شۇڭا، كراكىنگىلەش نېفىتنىڭ «ئۇستىخانلىرىنى ئاجرىتىش تېخنىكىسى»دىن ئىبارەت.
مازوتنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كراكىنگىلەش ئارقىلىق مولېكۇلىلىرى كىچىكرەك بولغان ئېتىلېن، پروپېلېن، بۇتادىئېن قاتارلىقلارنى ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل كىچىك مولېكۇلىلار ئورگانىك خىمىيە سانائىتىنىڭ مۇھىم خام ئەشيالىرى بولۇپ، سېنتېتىك سۇلياۋ، سۈنئىي تالا، سېنتېتىك كاۋچۇك قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدۇ.
ھازىرقى زامان كراكىنگىلەش تېخنىكىسى تەرەققىي قىلىپ كاتالىزلاپ كراكىنگىلەش، كاتالىزلاپ چەككىلەش، ھىدروگېن قوشۇپ كاتالىزلاش قاتارلىق يېڭى تېخنىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، نېفىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز بەخت ياراتماقتا.