تۇز
خىمىيە بىلىملىرى
قەدىمكى زامانلاردا كۆپلىگەن دۆلەتلەردە «تۇز ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك» ھېسابلىناتتى. قەدىمكى مىسىرلىقلار تۇزدىن ساپ تۇز مونەكچىلىرىنى ياساپ، ئۇنىڭغا بەلگە سېلىپ پۇل ئورنىدا ئىشلەتكەن. ئارقىمۇئارقا ئۈزۈلمەي ئۇرۇش بولۇپ تۇرغان قەدىمكى رىم دەۋرىدە، ئەسكەرلەر تۇز يوللارنى چارلاپ مۇھاپىزەت قىلغان، ئۇلارنىڭ مائاشى ئۈچۈن ئالتۇن، كۈمۈش ئەمەس، بەلكى تۇز بېرىلگەن. يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەر ئاش تۇزىغا باشقا تاۋارلارنى ئالماشتۇرغان. چىخ ۋە سلوۋاكىيە خەلقلىرى ئارىسىدا «تۇز ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك» دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان.
ئادەملەر كۈنىگە10 گرامدىن12 گرامغىچە تۇز ئىستېمال قىلغاندا ئاندىن پائالىيەتلىرىنى نورمال داۋاملاشتۇرالايدۇ. بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى تەر كۆپ چىققاچقا، بەدەندىكى تۇزلار تەر بىلەن بىرلىكتە چىقىپ كېتىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا تۇز كۆپرەك ئىستېمال قىلىنمىسا، ناترىي كەملىك تۈپەيلىدىن ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، يۇقىرى ھارارەتلىك شارائىتتا ئىشلەيدىغانلارنىڭ تۇزلۇق گازلىق سۇنى ئىچىشى تۇز تولۇقلاش ئۈچۈندۇر.
ئادەم تېنىدىكى قاندا %0.9 تۇز بار بولۇپ، بۇ تۇز قاننى بەلگىلىك ئوسموتىك بېسىمدا ساقلاپ، ئادەم تېنىدىكى نورمال ماددا ئالمىشىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا دوختۇرلار بىمارلارغا بېرىدىغان فىزىئولوگىيىلىك تۇز سۈيى قويۇقلۇقى %0.9 بولغان ئاش تۇزىنىڭ ئېرىتمىسىدىن ئىبارەت.
ئاش تۇزى يەنە ناھايىتى مۇھىم سانائەت خام ئەشياسى، شۇڭا ئۇ »سانائەت خام ئەشيالىرىنىڭ ئانىسى« دېگەن چىرايلىق نام بىلەن ئاتالغان. ئۇنىڭدىن تۇز كىسلاتا، كۆيدۈرگۈچى ئىشقار قاتارلىق مۇھىم سانائەت خام ئەشيالىرى ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.1 توننا تۇز كىسلاتا ئىشلەپ چىقىرىش ئۈچۈن5 .1 توننا ئاش تۇزى كېرەك بولىدۇ،1 توننا كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن2 توننا ئاش تۇزى كېرەك بولىدۇ. تۇز كىسلاتا ۋە كۆيدۈرگۈچى ئىشقار ئاساسلىق خىمىيە سانائىتى خام ئەشياسى، تۇز بولمىسا خىمىيە سانائىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس.