UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىكالىي پېرمانگانات (PP پاراشوكى)

كالىي پېرمانگانات (PP پاراشوكى)

خىمىيە بىلىملىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى مەزگىلىدە، كالىي پېرمانگانات پاراشوكى دوختۇر ۋە سېسترالارنىڭ سومكىسىدا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك دورا بولۇپ، خۇددى جەڭچىلەر قولىدىكى ئوق - دورىدەك مۇھىم ھېسابلانغان. بۇنداق بولۇشى ئۇنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش ۋە زەھەر ياندۇرۇش رولىغا ئىگە بولغانلىقىدا. ئۇنىڭ لاتىنچە ئىسمىدا ئىككى P ھەرپى بولغانلىقى ئۈچۈن PP پاراشوكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. PP پاراشوكى توق بىنەپشە رەڭلىك كرىستال بولۇپ، سۇدا ئېرىيدىغان بىر خىل كۈچلۈك ئوكسىدلىغۇچى. ئوخشىمىغان قويۇقلۇقتىكى PP پاراشوكى ئېرىتمىسى بىلەن يارا ئېغىزى تازىلانسا، ئېغىز چايقالسا ياكى گال نەمدەلسە، يارا ھەم كۆيۈك ئۈستىگە سۈركەلسە ناھايىتى ياخشى ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمى بېرىدۇ. دوختۇرخانىلاردا ئاياللار بۆلۈمى، ئىچكى ئاجراتما بۆلۈمى، تېرە بۆلۈملىرىدە دېزىنفېكسىيە دورىسى قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭ سۇيۇق ئېرىتمىلىرى يارا ئېغىزىنى يۇيۇشقا، تاماق قاچىلىرىنى دېزىنفېكسىيىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. PP پاراشوكى سۇيۇق ئېرىتمىسى بىلەن مېۋىلەرنى يۇغاندا دېزىنفېكىسىيىلەش رولىنى ئوينايدۇ. مەلۇم بىر خىل زەھەرلىك ئورگانىك ماددىنى يەپ سېلىپ زەھەرلىنىپ قالغان بىمارلارنىڭ ئاشقازىنىنى PP پاراشوكى ئېرىتمىسى بىلەن يۇيۇش ئارقىلىق زەھەرنى قايتۇرۇپ، بىمارنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ. PP پاراشوكىنىڭ ئوخشىمىغان قويۇقلۇقتىكى ئېرىتمىلىرى ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە1 .0 ~ %0.5 لىك ئېرىتمىلىرى بىلەن يارا ئېغىزى يۇيۇلىدۇ؛ %0.0125لىك ئېرىتمىسى يۇيۇنۇشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ %0.1لىك ئېرىتمىسى مېۋە ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى دېزىنفېكسىيىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ. PP پاراشوكىنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى ھەر خىل رەڭدىكى كىيىملەرگە تېگىپ كەتسە ئۇلارنى ئوكسىدلاپ رەڭسىزلەندۈرىدۇ. شۇڭا، كىيىملەرگە قىزىل سىياھ تېگىپ كەتسە PP پاراشوكىنىڭ سۇيۇق ئېرىتمىسى بىلەن يۇيۇپ چىقىرىپ تاشلاشقا بولىدۇ. ئەگەر كىيىمگە PP پاراشوكى ئېرىتمىسى تېمىپ كەتسە ئۇنى %3 لىك ھىدروپېرۇكسىد ئېرىتمىسى بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ. PP پاراشوكى نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يۇقىرى قويۇقلۇقتىكى ئېرىتمىلىرى ئېغىز بوشلۇقىدىكى شىلىمشىق پەردە، گال، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئۈچەيلەردە سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بىماردا قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. PP پاراشوكى ھەر خىل ئورگانىك ماددىلار بىلەن تەسىرلىشىپ ئاسان ئوت ئالىدىغان بىرىكمىلەرگە ئايلىنىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئاپتاپ چۈشمەيدىغان جايدا ساقلاپ پارچىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئورگانىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەك. ئەگەر تېرىدە ياكى ئىچ كىيىمدە ئۇنىڭ داغلىرى قېپقالسا ئەڭ ياخشىسى %10 لىك ئوكسالات كىسلاتا (چۆپ كىسلاتا) ئېرىتمىسى ياكى %2 لىك تۇز كىسلاتا، ئاچچىقسۇ، لىمون شىرنىسى بىلەن يۇيۇپ چىقىرىۋېتىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى