سۈنئىي پەردە
خىمىيە بىلىملىرى
دېڭىز ئادەمگىياھى قېنىدىكى ۋانادىينىڭ قويۇقلۇقى % 10كە يېتىپ بارىدۇ. لامىنارىيە (خەيدەي) تەركىبىدىكى يود مىقدارى دېڭىز سۈيىدىكىگە قارىغاندا1000 ھەسسە ئارتىپ كېتەلەيدۇ؛ چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئىچىدىكى بىلەن سىرتىدىكى كالىي ئىئونلىرىنىڭ قويۇقلۇق پەرقى3000 ھەسسىگە يېتىدۇ؛ تاش تۈك دەپ ئاتىلىدىغان يۈسۈنلەرنىڭ ئۇراننى قويۇلدۇرۇش ئۈنۈمى750 ھەسسىگە يېتىدۇ ... بۇ، جانلىقلار ھۈجەيرىلىرىدىكى ھۈجەيرە پەردىلىرىنىڭ مەلۇم ماددىلارنى قويۇلدۇرۇپ بېيىتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
جانلىقلار تېنىدىكى بىئولوگىيىلىك پەردىلەر ماددىلارنى ئايرىش، يەتكۈزۈش ۋە قويۇلدۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىقتىدارنى نامايان قىلىدۇ. ئۇلار مۇنەۋۋەر «مال سېتىۋالغۇچىلار»غا ئوخشايدۇ؛ ئۆزىگە كېرەكلىكلىرىنى قولدىن بەرمەيدۇ، كېرىكى يوق نەرسىلەرگە «قاراپمۇ قويمايدۇ»؛ «كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماتېرىياللىرىنى كىرگۈزىدۇ، ھەرگىز چىقارمايدۇ»، كېرىكى يوق براك نەرسىلەرنى «چىقىرىۋېتىدۇ، كىرگۈزمەيدۇ»؛ ماددىلارنى يەتكۈزۈش تېزلىكىمۇ ئادەمنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرىدۇ. بىئولوگىيىلىك پەردىلەر ئالاھىدە تاللاش خۇسۇسىيىتىگە، يۇقىرى دەرىجىدىكى يۆنىلىشچانلىق، زور سىڭدۈرۈشچانلىققا ئىگە.
بىئولوگىيىلىك پەردىلەرنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارىغا تەقلىد قىلىش ئىنسانلارنى تارقاق ھالەتتىكى ئېلېمېنتلارنى تازىلاپ ئايرىۋېلىش ۋە ئۇلارنى توپلاش يېڭى تېخنىكىسى بىلەن تەمىن ئەتتى.70 - يىللاردا بىئولوگىيىلىك پەردىلەرنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە ئىقتىدارىغا تەقلىد قىلىنغان تەتقىقاتلار زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى ۋە تەرەققىي قىلىپ سۈنئىي پەردىلەردىن پايدىلىنىپ ئايرىش تېخنىكىسى − سۇيۇق پەردىلىك ئاجرىتىش تېخنىكىسى بارلىققا كەلدى. بۇ تېخنىكا ئۈنۈملۈك، تېز، مەخسۇس بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا، كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلدى، بولۇپمۇ سانائەت كېرەكسىز سۇلىرىنى تازىلاپ بىر تەرەپ قىلىشتا كۆلەملەشكەن سانائەتكە ئايلاندى.
ئۇنداقتا، سۇيۇق پەردە زادى قانداق نېمە؟ ئۇ كېرەكسىز سۇلارنى قانداق تازىلىيالايدۇ؟ بىر تامچە ئېرىتمە بىر قەۋەت نېپىز ماي پەردىسى بىلەن ئورالسا، ئېرىتمە ماي پەردىسىنىڭ «قوغداش»ى بىلەن باشقا ئېرىتمىلەردە «ئەركىن ئۈزۈپ» يۈرەلەيدۇ، ئەتراپىدىكى سۇ ئۇنى تارتىپ كېتەلمەيدۇ، مانا بۇ ماي پەردىلىرىنى كىشىلەر سۇيۇق پەردە دەپ ئاتىدى. تۆۋەندە تەركىبىدە فېنول بولغان كېرەكسىز سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۆرۈپ ئۆتەيلى. ناترىي ھىدروكسىد ئېرىتمىسىنى ئوراپ تۇرغان ماي تامچىسىنى تەركىبىدە فېنول بولغان كېرەكسىز سۇغا سالساق، سىرتقى يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددىنىڭ ياردىمىدە يۈزنى ئاكتىپلاشتۇرغۇچى ماددا دەپ ئاتىلىدىغان سۇيۇق پەردە شەكىللىنىپ، سۇ بىلەن كېرەكسىز سۇنى بىر - بىرىدىن ئايرىيدۇ. كېرەكسىز سۇ تەركىبىدىكى فېنول سۇيۇق پەردە ئارقىلىق تېزلىكتە «سۇغا كىرىپ» ناترىي ھىدروكسىد بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ ناترىي فېنولاتنى ھاسىل قىلىپ، قايتىدىن ئورنىغا قايتالمايدۇ. بۇ خىل رېئاكسىيىلەر فېنولنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىتىپ ئاخىرىدا نۆلگە چۈشۈرىدۇ، نەتىجىدە كېرەكسىز سۇ تەركىبىدىكى فېنول بىلەن سۇ ئۈنۈملۈك ۋە تېز سۈرئەتتە ئايرىلىدۇ.
كېرەكسىز سۇلارنى سۈنئىي پەردە ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش سۇيۇق پەردە ئارقىلىق ئاجرىتىش تېخنىكىسىنىڭ بىر مىسالى. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئاجايىپ سۇيۇق پەردە نەم ئۇسۇلدا مېتال تاۋلاش ۋە ناترىي مېتالىنى ئېكستراكتلاش، ئورگانىك ماددىلارنى ئايرىش، سۈنئىي ئۆپكە، سۈنئىي بۆرەك، ئۇزاق ئۈنۈملۈك دورىلار ۋە زەھەر قايتۇرغۇچى دورىلارنى ياساش جەھەتلەردە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.