رېزىنكە ئاياغ ئاپتاپتىن قورقىدۇ
خىمىيە بىلىملىرى
رېزىنكە ئاياغلارنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى − ئۇلار ئېلاستىكلىققا ئىگە، سۈركىلىشكە، سوغۇققا چىداش، ئاسانلىقچە پېتىنى يوقاتماسلىقتەك ئارتۇقچىلىقلىرى بار.
كاۋچۇكنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى كاۋچۇكنى تۈزگۈچى مولېكۇلىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تەبىئىي كاۋچۇك مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئىزوپرېن مولېكۇلىلىرىدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ مولېكۇلا زەنجىرىنىڭ ئۆزىلا يۇمشاق بولۇش، ئەۋرىشىم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئادەتتە ئەۋرىشىملىكى ياخشى كاۋچۇكلارنىڭ سۈركىلىشكە، سوغۇققا چىدامچانلىقىمۇ ياخشى بولىدۇ. بەزى سۈنئىي سىنتېتىك كاۋچۇكلاردا ، ئۇلارنىڭ مولېكۇلا تۈزۈلۈشىنى ئالاھىدە مەقسەتتە ئۆزگەرتكەندىلا ئاندىن ئۇلارنى ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىزوبوتېن بىلەن ئاز مىقداردىكى ئىزوپرېننى بىرلىكتە پولىمېرلاش ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان بوتىل كاۋچۇك مولېكۇلىسىدا نۇرغۇن مېتىل يان زەنجىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مولېكۇلا زەنجىرىنىڭ ھەرىكىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، شۇڭا ئۇ پۇختا بولۇشتەك ئېسىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان. ئۇنىڭدىن سىرت، كاۋچۇك مولېكۇلىلىرىنىڭ چوڭ - كىچىك بولۇشى، مولېكۇلىلارنىڭ تىزىلىشىنىڭ رەتلىك بولۇش - بولماسلىقى قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا كاۋچۇكلارنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، كاۋچۇكلارنىڭ مولېكۇلا ئېغىرلىقى كىچىكرەك بولسا ئېلاستىكلىقى ناچارراق بولىدۇ، مولېكۇلا ئېغىرلىقى بەك چوڭ بولسا كاۋچۇكلار قاتتىق بولىدۇ. خىمىيە ئالىملىرى بۇ خىل مۇناسىۋەتكە ئاساسەن ھەر خىل ئىقتىدارغا ئىگە كاۋچۇكلارنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان.
كاۋچۇكلارنىڭ ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، ئۇ ئاسان كونىرايدۇ. بىر جۈپ رېزىنكە ئاياغ بىرقانچە يىل ئىشلىتىلسە، ئۇنىڭدا نۇرغۇن يېرىقچىلار پەيدا بولىدۇ، چۈرۈكلىشىپ ئېلاستىكلىقىنى يوقىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالنى ئىسسىق ھاۋادىكى ئوكسىگېن ۋە قۇياش نۇرىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، رېزىنكە ئاياغلارنى ئاپتاپقا قويۇشقا بولمايدۇ، ئاپتاپتا قالسا بىر تەرەپتىن قۇياش نۇرى ئۇنى قىزىتسا، يەنە بىر تەرەپتىن قۇياش نۇرى تەركىبىدىكى ئۇلترا بىنەپشە نۇرلار خۇددى قايچىغا ئوخشاش كاۋچۇك مولېكۇلىلىرىنىڭ زەنجىرلىرىنى كېسىپ بۆلەك - بۆلەكلەرگە ئاجرىتىۋېتىدۇ، نەتىجىدە ئۇنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە تۇتۇشۇپ تۇرۇش كۈچى تۆۋەنلەيدۇ.
ئوخشاشلا، گرېلكا، پلاستىر، يامغۇرلۇق كىيىم قاتارلىق كاۋچۇكتىن ئىشلەنگەن بۇيۇملارنى ئىشلەتكەندە ئۇلارنى كىسلاتا، ئىشقار، مايلار قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن ئۇزۇن ۋاقىت بىللە قويماسلىق كېرەك. چۈنكى، ئۇلار كاۋچۇك بۇيۇملارنى بۇزۇۋېتىدۇ. رېزىنكە ئاياغ، يامغۇرلۇق كىيىملەرنى قايناق سۇ، ئىسسىق سۇ، سودا سۈيىدە يۇيۇشقا ياكى سوپۇن سۈيىگە ئۇزاق ۋاقىت چىلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇلارنى يۇغاندىن كېيىن سالقىن جايدا قۇرۇتۇش كېرەك، ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇشقا بولمايدۇ، ئوتقا قاقلاپ قۇرۇتۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.