UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىخىمىيە ياراتقان «دۇنيا» − سىنتېتىك بىرىكمىلەر

خىمىيە ياراتقان «دۇنيا» − سىنتېتىك بىرىكمىلەر

خىمىيە بىلىملىرى قەدىمكى زامانلاردىلا جۇڭگودا «ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى»، «دورا ياساش تېخنىكىسى» بولغان. قەدىمكى كىشىلەر سۈنئىي ئۇسۇلدا ئالتۇن ياساش، «قېرىماسلىقنىڭ دورىسى» ئەل - ئىكسىرنى ياساش ئويىدا بولغان بولسىمۇ، ئەمما مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان.15 - ئەسىرگە كەلگەندە، ياۋروپالىقلار ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسى بىلەن خىمىيە بىلىملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ دورىگەرلىك خىمىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، نەچچە مىڭ يىللىق ئالتۇن تاۋلاش تېخنىكىسىنى خىمىيە داغدام يولىغا سالدى. خىمىيە تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن، خىمىيە ئالىملىرى ماددىلار نەزەرىيىسى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئۇلار ھاياتىي كۈچكە تولغان رەڭگارەڭ دۇنيانىڭ ئەمەلىيەتتە نەچچە ئون خىل ئېلېمېنتنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغانلىقىنى، كىشىلەر بەزى ماددىلاردىن پايدىلىنىپ خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەر ئارقىلىق باشقا بىر خىل ماددىلارنى ياساپ چىقالايدىغانلىقىنى بايقىدى. بۇنىڭ بىلەن خىمىيە ئالىملىرى تەجرىبىخانىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ بەزى ماددىلارنى ياسىدى ۋە ئۇلارنى تېزلىكتە سانائەتلەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى.17 - ئەسىرگە كەلگەندىن كېيىن، ھازىرقى زامان خىمىيە سانائىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان سۇلفات كىسلاتا، كۆيدۈرگۈچى ئىشقار، سىنتېتىك ئاممىياك ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. لېكىن، بۇ مەھسۇلاتلار ئانئورگانىك ماددىلارغا تەۋە ئىدى. ئالىملار ئىلگىرى پەقەت جانلىقلار تېنىدىلا پەيدا بولىدىغان ئورگانىك ماددىلارنى سىنتېزلاش مۇمكىنچىلىكى بار - يوقلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە باشلىدى.18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى19 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ھاياتىي كۈچ نەزەرىيىسى دەپ ئاتالغان تەلىمات مەيدانغا كېلىپ، ئورگانىك ماددىلارنى سۈنئىي سىنتېزلاش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالدى. دەل مۇشۇنداق مۇنازىرە بولۇۋاتقاندا گېرمانىيىلىك ياش خىمىيە ئالىمى ۋولېر تۆت يىل تىرىشىش ئارقىلىق1828 - يىلى ئۇرېيەدىن ئىبارەت ئورگانىك ماددىنى سىنتېزلاپ چىقتى. ۋولېرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئەينى چاغدىكى خىمىيە ئالىملىرىنى ئويغاتتى. ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن ئورگانىك ماددىلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا سىنتېزلاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەيلا نۇرغۇن ئورگانىك ماددىلار سۈنئىي ئۇسۇلدا سىنتېزلاپ چىقىلدى. گلىتسېرىن، لىمون كىسلاتاسى، لاكتىك كىسلاتا (سۈت كىسلاتا) قاتارلىقلار ھەممىدىن بۇرۇن سىنتېزلاندى. نېفىت خىمىيە سانائىتى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن، خىمىيە ئالىملىرى تېخىمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلدى: ئۇلار سۇلياۋ، كاۋچۇك، سۈنئىي تالا قاتارلىقلارنى سىنتېزلاپ چىقتى. بۇ ئۈچ چوڭ سېنتېتىك ماتېرىياللار ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتكۈچى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى. خىمىيە ئالىملىرى ئۆزىنىڭ بىلىمى، ئىقتىدارى، ئەپچىل ماھارەتلىرىگە تايىنىپ، بىر قىسىم ئانچە كېرىكى بولمىغان ياكى زادىلا كېرەك بولمايدىغان ماددىلاردىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن مۇھىم مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقتى. ھازىر دۇنيادا ھەر يىلى نەچچە10 مىڭ خىلدىن ئارتۇق يېڭى ماددىلار سىنتېزلانماقتا. بۇ ماددىلار ئەڭ ئاددىي بولغان ئانئورگانىك ماددا ئاممىياكتىن تارتىپ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇرەككەپ ئورگانىك ماددا ئىنسۇلىن قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئومۇمەن. نېمە كېرەك بولسا، شۇ سىنتېز قىلىنماقتا. خىمىيە ئالىملىرىنى يېڭى ماددىي دۇنيانى ئىجاد قىلدى دېيىشكە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
خىمىيە ياراتقان «دۇنيا» − سىنتېتىك بىرىكمىلەر | UyghurWiki | UyghurWiki