نەپەسلىنىشنىڭ خىمىيىۋى جەريانى
خىمىيە بىلىملىرى
ئادەم مىنۇتىغا18 قېتىم ئەتراپىدا نەپەس ئالغاندا، تەخمىنەن200 مىللىلىتىر ئوكسىگېن گازىنى سۈمۈرۈش بىلەن بىللە280 مىللىلىتىر كاربون (Ⅳ) ئوكسىد گازىنى چىقىرىپ تاشلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بەدەندىكى بۇنداق گاز ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە بىر قاتار خىمىيىۋى رېئاكسىيىلەر يۈز بېرىدۇ.
ئىنسانلار ئېنېرگىيىگە تايىنىپ ھاياتىنى قامدايدۇ، ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيە ئاساسەن ئاقسىللار، شېكەر، ياغ قاتارلىقلارنىڭ ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيىسى ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ. بۇنداق ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيىلىرى جەريانىدا ئوكسىگېن سەرپ بولۇپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد ھاسىل بولىدۇ.
نەپەسلىنىش ئەمەلىيەتتە بەدەندە ئوكسىدلىنىش رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئوكسىگېن گازىنى سۈمۈرۈش بىلەن بىللە، رېئاكسىيىدە ھاسىل بولغان كېرەكسىز كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سىرتقا چىقىرىپ تاشلاشتىن ئىبارەت. كۆكرەك كېڭەيگەندە، سىرتتىكى ھاۋادىكى مولېكۇلىلار نەپەس يولى ئارقىلىق ئۆپكىگە كىرىدۇ. ئۆپكىدە يېڭىدىن كىرگەن ھاۋا مولېكۇلىلىرى بىلەن ئەسلىدە ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدە قېلىپ قالغان گاز ئۆزئارا «ئورۇن ئالماشتۇرىدۇ». شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدىكى گاز مولېكۇلىلىرى يەنە قاندىكى گازلار بىلەن «ئورۇن ئالماشتۇرۇپ»، ئوكسىگېننى قانغا كىرگۈزۈپ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى سىرتقا ھەيدەپ چىقىرىدۇ. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدىكى گازنىڭ سىرتتىن كىرگەن ھاۋا بىلەن بۇ خىل «ئورۇن ئالماشتۇرۇش» ھەرىكىتى ئۆپكىنىڭ نەپەس ئېلىشى ۋە نەپەس چىقىرىشى دەپ ئاتىلىدۇ.
قاندىكى ئوكسىگېن گازىنى قاندىكى ھېموگلوبىن تەركىبىدىكى تۆمۈر ئاتومى قان ئايلىنىشنىڭ ياردىمىدە بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە يەتكۈزۈپ، قان بىلەن ھەرقايسى توقۇلما ئەزالار ئارىسىدىكى گاز ئالمىشىشنى پەيدا قىلىپ، ئوكسىگېننىڭ توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە كىرىشىنى تېزلىتىپ كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى قانغا كىرگۈزىدۇ. بەدەن ئىچىدىكى توقۇلما ھۈجەيرىلىرى بىلەن قان ئارىسىدىكى بۇ خىل گاز ئالمىشىش توقۇلمىلارنىڭ نەپەس ئېلىشى ياكى ئىچكى نەپەسلىنىشى دەپ ئاتىلىدۇ.
نەپەسلىنىش ئارقىلىق ئوكسىگېن گازى ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدىن قانغا ئۆتۈپ، ئاندىن قاندىن توقۇلما ھۈجەيرىلىرىگە كىرىدۇ. كاربون (Ⅳ) ئوكسىد توقۇلما ھۈجەيرىلىرىدىن چىقىپ قان، ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىدىن ئۆتۈپ، نەپەس يولى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. مانا بۇ نەپەسلىنىشنىڭ خىمىيىۋى جەريانى.