UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىمولېكۇلا

مولېكۇلا

خىمىيە بىلىملىرى بىر تامچە قىزىل سىياھنى ئىستاكاندىكى سۇغا تېمىتساق، قىزىل رەڭنىڭ تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ تېزلا ئىستاكاندىكى سۇنى سۇس قىزىل رەڭگە ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز؛ يېيىپ قويغان كىيىم ئۇزاق ئۆتمەي قۇرۇيدۇ؛ چامادانغا سېلىپ قويغان «نافتالىن» بارا - بارا كىچىكلەپ، چاماداندىكى كىيىملەرگە ئۇنىڭ پۇرىقى سىڭىپ كېتىدۇ. مانا بۇ ھادىسىلەر مولېكۇلىلار ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى. ئەسلىدە سۇ، نافتالىن قاتارلىق ماددىلار ئىنتايىن كىچىك مولېكۇلىلاردىن تەركىب تاپقان، مولېكۇلىلار ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ قالىدىغان ئەڭ كىچىك بىرلىك، شۇڭا ئۇ ئەڭ كىچىك ماددا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى سۇلار مەيلى ئۇ دېڭىز سۈيى، دەريا سۈيى، قۇدۇق سۈيى ياكى يامغۇر سۈيى بولسۇن ھەممىسىلا ئوخشاش سۇ مولېكۇلىلىرىنىڭ توپلىنىشىدىن ھاسىل بولغان. قار - مۇزلار قاتتىق ھالەتتىكى سۇ بولۇپ، ئۇلار سۇ مولېكۇلىلىرنىڭ مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە تەرتىپلىك جايلىشىشىدىن ھاسىل بولغان. سۇ مولېكۇلىلىرى بەكلا كىچىك بولىدۇ، بىر بوتۇلكا گازلىق سۇنى ئىچكەندە تەخمىنەن10012×8دانە سۇ مولېكۇلىلىرىنى ئىچىۋېتىمىز. يەككە سۇ مولېكۇلىسىنى ئادەتتىكى مىكروسكوپ ئارقىلىق كۆرگىلى بولمايدۇ. مولېكۇلىلار ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلىنىپ تۇرىدۇ. قىزىل سىياھ تەركىبىدە رەڭلىك بوياق ماتېرىيالى بولۇپ، بۇ خىل بوياق ماتېرىيالىنىڭ مولېكۇلىلىرى سۇدا ئەركىن تارقالغاچقا، ئىستاكاندىكى سۇ قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. نەم كىيىمدىكى سۇ مولېكۇلىلىرى پارلىنىپ ھاۋاغا تارقىلىپ كەتكەچكە كىيىم قۇرۇيدۇ. قاتتىق ھالەتتىكى نافتالىننىڭ مولېكۇلىلىرىمۇ بىر - بىرلەپ ھاۋاغا تارقىلىدۇ. مانا بۇ خىل ھادىسە «سۇبلىماتسىيە» لىنىش دېيىلىدۇ. نافتالىننىڭ سۇبلىماتسىيىلىنىشى سەۋەبىدىن ئۇ بارغانسېرى كىچىكلەيدۇ، نافتالىن مولېكۇلىلىرى چاماداننىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغىچە كىرىپ كۈيە، قۇرت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىدۇ. پۇراق سەزگۈچى ئەزالىرىمىزنىڭ ھەر خىل پۇراقلارنى سېزەلىشى ماددا مولېكۇلىلىرىنىڭ سېزىم ئەزايىمىزدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنىڭ سەۋەبى. ئوخشاش بولمىغان مولېكۇلىلارنىڭ پۇراق سەزگۈچى نېرۋىنى غىدىقلىشى ۋە بېرىدىغان پۇرىقى ئوخشاش بولمايدۇ. ئاپشاركا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان چاغدا بۇرنى ئارقىلىق جىنايەتچى قالدۇرۇپ كەتكەن بىر قىسىم مولېكۇلىلارنى پۇراپ سېزىش ئارقىلىق جىنايەتچىنىڭ ئىزىغا چۈشىدۇ. بەزى ھاشاراتلار ئالاھىدە ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، بۇ خىل ماددىلارنىڭ مولېكۇلىلىرى شامال ئارقىلىق تەرەپ - تەرەپكە تارقالغاچقا، بىرقانچە10 چاقىرىم يىراقلىقتىكى شۇنىڭغا ئوخشاش ھاشاراتلار بۇ پۇراقنى سېزىپ دەرھال بىر يەرگە جەم بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى